باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

كورېيەدە يېڭى تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى تارقىلىپ، 30 مىليوندىن ئارتۇق ئۆي قۇشى ئۆلتۈرىۋېتىلدى

مەنبە:خەلقئارا لىنىيە تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-12 16:22 0 ئىنكاس چۈشتى

خەلقئارا خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورېيەدىكى يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى گەرچە مەلۇم دەرىجىدە كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا بايقالغان يېڭى تىپتىكى يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى كورېيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگانلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويغان. 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، كورېيە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى يېمەكلىك مىنىستىرلىكى يېقىنقى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، گاڭۋون شەھىرىدىكى ياۋا قۇشلارنىڭ مايىقىدىن كېسەللىك پەيدا قىلىش خەتىرى كۈچلۈك H5N8 تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى، بۇ قېتىم بايقالغان يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئىلگىرى بايقالغان H5N6 تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام بىلەن ئانچە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كورېيە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى يېمەكلىك مىنىستىرلىكى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا گاڭۋون شەھىرىدە بايقالغان يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسىنىڭ 2014-، 2015-يىللىرى تارقالغان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشايدىغانلىقىنى، بىراق ئاز بىر قسىم گېنىدا پەرق بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە بۇ قېىتم بايقالغان يېڭى تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا كۆچۈپ كەتكەن قۇشلاردىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ مىنىستىرلىك ھازىر ۋىرۇس بايقالغان ئورۇننىڭ ئەتراپىدىكى 20 كىلومېتىر دائىرىنى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رايونى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ رايوندا ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلارنىڭ پائالىيىتىگە چەكلىمە قويغان ھەمدە قەرەللىك تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号