باش بەت

نۇسرەتگۈل

6490يوللانما
54مەستانە

ئايالى بىلەن ئاجراشماقچى بولغان ئەر ئۆز ئوغلىنى سېتىۋەتمەكچى بولدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-14 18:54 0 ئىنكاس چۈشتى

ئەر-ئاياللارنىڭ ئايرىلىپ كېتىش ئۇسۇللىرى خىلۇخىل. بىراق، لىنيى شەھىرىدىكى بىر ئەر ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىش ئۈچۈن ئۆز بالىسىنى سېتىۋەتمەكچى بولغان. لىنيى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى لەنشەن تارماق ئىدارىسىدىكى ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بىر ئەرنىڭ بىر بوۋاقنى سېتىش ئۈچۈن ئېلىپ چىققانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان. ساقچىلار جىنيى يولى بىلەن لىنيى 3-كۆۋرۈكىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا يېتىپ بارغاندا، بالا كۆتۈرىۋالغان بىر ئەرنىڭ تۆت ئەتراپىغا قاراپ ناھايىتى جىددىيلەشكەن ھالدا تۇرغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى بوۋاقنىڭ كىيىمى بەكلا يېلىڭ بولغاچقا، نەچچە مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە لەۋلىرى كۆكىرىشكە باشلىغان. ساقچىلار ئۇ ئەرگە ئېھتىيات بىلەن يېقىنلاشقاندىن كېيىن، ئۇنى دەرھال ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ سوراق قىلغان.

سوراق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ توردىن بالا سېتىشقا دائىر ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەنلىكى ھەمدە بالىسىنى 70 مىڭدىن 80 مىڭ يۈەنگىچە بولغان ئارىلىقتا ساتماقچى بولغانلىقى ئېنىقلانغان. 

بىراق، ساقچىلار جاڭ xxنىڭ ساتماقچى بولغىنىنىڭ دەل ئۆزىنىڭ تېخى 5 ئايلىقمۇ بولمىغان ئوغلى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق ھەيران قالغان. جاڭ xx يەنە ئايالى بىلەن ئاجرىشىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن بالىسىنى ساتماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە، جاڭ xx بالا سېتىش جىنايىتى بىلەن توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号