باش بەت

جاھانكەزدى

14469يوللانما
17مەستانە

سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور مەدەت

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-14 21:37 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى يولداش شى جىنپىڭ 1–ئاينىڭ 11–كۈنى قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشى تىلەك تىلىدى، ئۇلارنى داۋاملىق قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش يۇرتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنى سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يازغانلىقى باش شۇجىنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان ئىش ئىزلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە چوڭقۇر مېھىر–مۇھەببەت باغلىغانلىقى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى،شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تىلەكداش ئىكەنلىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئۈچۈن زور مەدەت بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن زور مەدەت ۋە تۈرتكە ھېسابلىنىدۇ. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى زىمىستان قىشتىكى ئىللىق قۇياشتەك قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى چەكسىز ھاياجانلاندۇرۇپ ۋە بەختكە چۆمۈلدۈرۈپلا قالماي، يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە زور مەدەت ۋە ئىلھام بەخش ئېتىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئۈندەيدۇ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىختىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى. رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تۇلۇم بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە چۈشكەن سۈرىتى نەچچە ئەۋلاد شىنجاڭ خەلقىنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسىگە ئايلاندى. يېڭى جۇڭگونىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى–كېيىن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلەرنى ۋە يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن نۇرغۇن چارە–تەدبىر كۆرسەتتى ۋە ئەجىر سىڭدۈردى.

پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا رىشتە باغلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرىنى بېكىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا بولسىمۇ، قەلبى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىللە. قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى كېرىيە ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەندە، ئۇ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، مەركەزنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزدى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك ۋە بارلىق كەنت ئاھالىلىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ خۇددى ماگنىت تۆمۈرنى ئۆزىگە تارتقاندەك يۇرتداشلارنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ ئۇ كۇچادىكى ‹‹كەشتىچى ئاچا–سىڭىللار›› قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئىناق ئۆتۈپ، ھەمدەمدە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ زېمىنىدا قۇدرەتلىك كۈچ تارقىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. شىنجاڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تېز تەرەققىي قىلغان، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىۋاتقان تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى. ھەر مىللەت ئامما پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلۈپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، چىن كۆڭلىدىن پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيەنى ھىمايە قىلىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىۋاتىدۇ؛ ھەر مىللەت خەلق ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتى ۋە غەمخورلۇقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنى بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولىدۇ. 


مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-01/14/content_579413.htm?lang=uy



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号