باش بەت

نۇسرەتگۈل

10538يوللانما
188مەستانە

ئەنگىلىيەدە قاتتىق قار ياغقانلىقتىن قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا قاتنىشى ئېغىر دەخلىگە ئۇچرىدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-15 19:06 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كانادانىڭ شىمالىي قىسىمىدىن كەلگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال ئەنگىلىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قاتتىق قار يېغىپ كېتىپ، شەرقىي جەنۇبىي قىسىملارنىڭ تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 2 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغان. بۇ سەۋەبتىن لوندوننىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا قاتنىشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراپ، خىزروۋ ۋە گەتۋىك ئايرودرومىنىڭ نەچچە 10 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، يۈك ماشىنىسىدا ھادىسە كۆرۈلگەندىن كېيىن قۇرۇقلۇق يوللىرىمۇ تاقىۋېتىلگەن.

مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بەزى جايلاردا ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقىنىڭ 20 سانتىمېتىرغا يەتكەنلىكىنى، جەنۇبتىكى دېڭىز بويى رايونلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 10 مىڭغا يېقىن ئاھالىگە جىددىي تارقاقلىشىش ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرگەن.

مۇتەخەسسىسلەر بۇنداق ناچار ھاۋارايىنىڭ ھەپتە ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ 75 ئورۇنغا كەلكۈن ئاپىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېسسېكس ئۆلكىسىگە جايلاشقان بىر بازاردىن تۈنۈگۈن سەھەرگىچە 4000 ئاھالە چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى، ھەربىي ئارمىيەنىڭمۇ ياردەمگە ئاتلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قارا يامغۇر سەۋەبىدىن لوندوندىكى بىر قىسىم مېترو بېكەتلىرى تاقالغان. خىزروۋ ئايرودرومىدا ئالدىنقى كۈنى 80 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، گەتۋىك ئايرودرومىدا 4 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۈنۈگۈن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

قاتتىق قاردا يوللار تېيىلغاق بولۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك غەربىي ئېسسېكس ئۆلكىسىنىڭ A23-نومۇرلۇق تاشيولى بىلەن كېنت ئۆلكىسىنىڭ M20-نومۇرلۇق تاشيولىدا يۈك ماشىنىسى سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号