باش بەت

رۇشەن

2520يوللانما
33مەستانە

ياپونىيەنىڭ 2016-يىلىدىكى پىۋىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارىدا يېڭى تۆۋەن نۇقتا كۆرۈلدى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-17 00:02 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 16-يانۋار توكيودىن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيەدىكى 5 ئاساسلىق پىۋا ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرىنىڭ 16-چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلىدا ياپونىيەنىڭ پىۋا ۋە پىۋا تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنىڭ يىللىق ئومۇمىي مال چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقىدىن %2.4، يەنى 414 مىليون يەشىك تۆۋەنلەپ، ئۇدا 12 يىل ئازايغان.

بۇ 1992-يىلىدىن بۇيانقى مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىلاش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سانلىق مەلۇمات ئىكەن. پىۋا ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشى ئاساسلىقى تاماقخانىلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ياخشى بولماسلىقى ۋە ياشلارنىڭ پىۋا ئىستېمال قىلىشنى ئازايتىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن ئىكەن.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەتتىكى پىۋىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى %2 تۆۋەنلەپ تەخمىنەن 211 مىليون يەشىك ئازايغان، كۆپۈكلۈك ھاراقنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى %6.8 تۆۋەنلەپ تەخمىنەن 57 مىليون 300 مىڭ يەشىك ئازايغان، «ئۈچىنچى تۈردىكى پىۋا» دەپ ئاتالغان پىۋىغا ئوخشاش ئىچىملىكلەرنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى %1.2تۆۋەنلەپ تەخمىنەن 147 مىليون يەشىك ئازايغان.

گەرچە چوڭ تىپتىكى پىۋا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ئېھتىياجىنى غىدىقلاش ئۈچۈن 80 تۈردىن  ئارتۇق يېڭى مەھسۇلاتنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تۇنجى قېتىم ئۈچ خىل پىۋىنىڭ سېتىلىشىدا تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

5 چوڭ پىۋا ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى ئىچىدە، ئاساخى پىۋىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى كەسپىي ساھە ئىچىدە ئۇدا 7 يىل بىرىنچىلىكنى ساقلاپ، بازار ئۈلۈشىنىڭ %39ىنى ئىگىلىگەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号