باش بەت

زورىگۈل

5798يوللانما
24مەستانە

ياپونىيەنىڭ 2016-يىلىدىكى پىۋا سېتىش مىقدارى يېڭى تۆۋەن نۇقتا ياراتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-17 12:24 0 ئىنكاس چۈشتى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى 16-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە بەش ئاساسلىق پىۋا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى 16-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى ياپونىيەنىڭ پىۋا ۋە پىۋا تۈرىدىكى ئىچىملىكلەردە يىللىق ئومۇمىي مال چىقىرىش مىقدارى نىسبىتى %2.4 تۆۋەنلەپ، 414 مىليون يەشىككە چۈشكەن، بۇ ئۇدا 12-يىلى تۆۋەنلىشى ئىكەن.

بۇ 1992-يىلىدىن باشلاپ ئالاقىدار ئىستاتىستىكا قىلىنغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سان. پىۋىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلىشى ئاساسلىقى تاماقخانىلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ياخشى بولماسلىقى ۋە ياشلارنىڭ پىۋا ئىستېمالى ئازىيىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەتتىكى پىۋىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى %2 تۆۋەنلەپ تەخمىنەن 211 مىليون يەشىككە چۈشكەن، كۆپۈكلۈك ھاراقنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى %6.8 تۆۋەنلەپ، تەخمىنەن 57 مىليون 300 مىڭ يەشىككە چۈشكەن، «ئۈچىنچى تۈردىكى پىۋا» دەپ ئاتالغان پىۋىغا ئوخشاش ئىچىملىكلەرنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى %1.2 تۆۋەنلەپ، تەخمىنەن 147 مىليون يەشىككە چۈشكەن.

چوڭ تىپتىكى پىۋا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئېھتىياجنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن 80 نەچچە خىل يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تۇنجى قېتىم ئۈچ تۈردىكى پىۋىنىڭ سېتىلىشى بىردەك تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

بەش چوڭ پىۋا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىچىدە ئاساخى پىۋىسىنىڭ سېتىلىشى ئۇدا يەتتە يىل بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، %39 بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号