باش بەت

خالمۇرات روزى

848يوللانما
5مەستانە

2017-يىللىق سىنوك پېشۋالار مۇسابىقىسى: ئوسۇلىۋان 5:6 لياڭ ۋېنبو

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-17 12:46 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۈرۈمچى ۋاقتى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان سىنوك پېشۋالار مۇسابىقىسىدە، 6 قېتىملىق پېشۋالار مۇسابىقىسى چېمپىيونى ئوسۇلىۋان ئىنتايىن قىيىن ئەھۋال ئاستىدا رەقىبىدىن تەتۈر ئېشىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا 8 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى.

بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى، مۇسابىقە باشلىنىپ ئوسۇلىۋان ئالدى بىلەن ۋەزىيەتنى كونترول قىلدى، شۇنداقلا ئالدىنقى ئىككى ئۈستەلنىڭ غەلبىسىگە ئېرىشتى. ئېلىمىز ماھىرى لياڭ ۋېنبو كەينىدىن ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى ئۈستەل يېڭىپ ئومۇمىي نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. كەينىدىن ئوسۇلىۋان يەنە ئۇدا ئىككى ئۈستەل غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سەۋەنلىكلىرى ئۈزۈلمىدى، لياڭ ۋېنبو پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ ئۈستەل غەلىبە قىلىپ ئومۇمىي نەتىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. 10-ئۈستەلدە، لياڭ ۋېنبو قارا رەڭلىك توپنى كىرگۈزسىلا مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى غەلبىسىگە ئېرىشىدىغان ھالقىلىق پەيتتە سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويدى، ئوسۇلىۋان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئومۇمىي نەتىجىنى 5:5 قىلىپ تەڭلەشتۈردى. ئەڭ ئاخىرقى ئۈستەلدە ئوسۇلىۋان لياڭ ۋېنبوغا ھېچقانداق پۇرسەت بەرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئوسۇلىۋان 5:6 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن 8 كۈچلۈكلەر باسقۇچىغا ئوڭۇشلۇق كىردى.

مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوسۇلىۋان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «مەن بۇ مەيدان غەلبىگە ئېرىشىكە مۇناسىپ كەلمەيمەن. مېنىڭ بۈگۈنكى ئىپادەم ئىنتايىن ناچار بولدى، مەن پەقەت بۇرۇنقى تەجرىبەمگە تايىنىپلا بىرقانچە ئۈستەل غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلىدىم، مەن لياڭ ۋېنبونىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىمەن، چۈنكى ئۇنداق ھېسسىياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. لياڭ ۋېنبو ياخشى ماھىر، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ مەلۇم تەرەپلەردىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلىيالىسا، ئىشىنىمەنكى، ئۇ كەلگۈسىدە نۇرغۇن چېمپىيونلۇق لوڭقىلىرىغا ئېرىشەلەيدۇ».

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号