باش بەت

جاھانكەزدى

14479يوللانما
21مەستانە

ئۆرۈك مېغىزىدىن زەھەرلىنىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-17 22:17 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە ئادەتتە بىر خىل ئامىگدالىن دەيدىغان ماددا بولىدۇ. ئامىگدالىن ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەي ئېنزىمىدا ئېرىگەندە ئۆتكۈر زەھەرلىك ماددا--گىدروسىيانىد كىسلاتاسىنى قويۇپ بېرىدۇ. گىدروسىيانىد كىسلاتاسى توقۇلما ھۈجەيلىرىدىكى تۆمۈر تەركىبلىك نەپەسلىنىش ئېنزىمى بىلەن بىرىكىپ، توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنى ئوكسىگىندىن پايدىلىنالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، كىشىلەردە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە، ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىدىن بالىلار 20 تال، قۇرامىغا يەتكەنلەر 50 تال يېگەندە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆرۈك مېغىزىدىن زەھەرلىنىش يۈز بەرگەندە ئۆز ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، زەھەرلەنگۈچىنى جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك. زەھەرلەنگۈچى مۇنداق چاغدا قايناقسۇ ياكى كالا سۈتى ئىچىپ ئاندىن قول بارمىقى بىلەن كېكىردەك قىسمىنى غىدىقلىغاندا سۇ ۋە يېمەكلىك بىرلىكتە قوسۇپ چىقىرىلىدۇ. ئەگەر زەھەرلىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، نەپەر ئېلىش قىيلىنىش، ھاياتىغا خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك.

ئاچچىق ئۆرۈك، شاپتۇل ۋە نەشپۈت مېغىزى قاتارلىقلادىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ خىل مېغىزلارنى كۆپ يېمەسلىك، ئەگەر كېسەل داۋالاش ئېھتىياجى سەۋەبلىك يېمەكچى بولغاندا چوقۇم 2-3 كۈن بۇرۇن سۇغا چىلاپ قويۇش، بۇ ۋاقىتتا 6-8 قېتىمغىچە سۇنى ئالماشتۇرۇپ، پىشۇرۇپ يېيىش كېرەك.


مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2017-01/17/content_579890.htm?lang=uy

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号