باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

20% ياش-ئۆسمۈر ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىگە چىققانلىقتىن ئۇخلىيالمايدۇ

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-18 12:30 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 18-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاۋستىرالىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، %20 ياش-ئۆسمۈر يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىگە چىقىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن كۈندۈزدە ئاسان ئۇيقۇسى كېلىدىكەن. ئامېرىكا كۈندىلىك ئىلىم-پەن تور بېكىتى 16-يانۋار تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ بۇ بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دېدى.

يېڭى جەنۇبىي ۋېلش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 12 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان 900 ئوقۇغۇچىنى تەكشۈرگەن. سوئالغا جاۋاب بېرىش شەكلىدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى ئىشلىتىش قېتىم سانى، كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاش ۋاقتى ۋە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتىنى ئىگىلىگەن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنىڭ كۆپ ساھەلىرىدىكى خوشاللىق دەرىجىسىنى سۈرۈشتۈرگەن.

نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، بەشتىن بىر قىسىم تەكشۈرۈش ئوبيېكتى دائىم يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىگە چىقىدىكەن، قىزلار ئوغۇللاردىن كۆپ چىقىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئاساسەن ھەر كۈنى يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ تورغا چىقىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئەتىگەندە ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرالمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندۈزدە چارچاش ھېس قىلىش سانى يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ تورغا چىقمايدىغان ياكى ئەتىگەندە ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرىدىغان بالىلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىچىلىك ئىكەن. مەكتەپتە دائىم چارچاش ھېس قىلىدىغان بالىلارنىڭ خوشاللىق دەرىجىسى باشقا بالىلاردىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن. يەنە ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ھەپتىدە ئاز بولغاندىمۇ بىر قېتىم كېچىدە ئويغىنىپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا چىقىدىكەن.

تەتقىقات نەتىجىسى «ياشلار تەتقىقات ئىلمىي گېزىتى»گە بېسىلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号