باش بەت

ئادىلجان

6870يوللانما
70مەستانە

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى 2G تورىنى رەسمىي تاقىدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-18 13:39 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورىنىڭ 18-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بىرى بولغان AT&T ئەڭ يېڭى ئورگان تەرەپ ئۇقتۇرۇشىدا شىركەتنىڭ 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 2G سانلىق مەلۇمات تور مۇلازىمىتىنى رەسمىي تاقاپ، بىر دەۋرگە خاتىمە بەرگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. 

AT&Tنىڭ بىلدۈرۈشىچە 2007-يىلى ئەقلىيفون دەۋرى باشلانغاندىن بۇيان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات ئىشلىتىش مىقدارى پارتىلاش خاراكتېرىدە %250000 ئېشىپ، 2G تورىنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 3G/4G تورى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە %99 ئامېرىكىلىقنى قاپلىغان. 

2G تورىنىڭ شاللىنىش تەشۋىقاتى ئەمەلىيەتتە تۆت يىل بۇرۇنلا باشلانغان، AT&T ئىزچىل تۈردە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تېخىمۇ تېز بولغان تورنى ئىشلىتىشىگە تەكلىپ بەردى ھەمدە تۈرلۈك ئېتىبارلار ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنى تورنى يېڭىلاشقا ئىلھاملاندۇردى.

AT&T شىركىتى 2G تورىنى تاقىغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ چاستوتا سىپېكتىرى چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، بۇ كەلگۈسىدىكى 5G قاتارلىق تېخىمۇ ئىلغار تور مۇلازىمىتىگە قولايلىق يارىتىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号