باش بەت

رىسالەت تۇرسۇن

1871يوللانما
0مەستانە

سېمىز بولغانلىقتىن يىگىتىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان قىز 65 كىلوگرام ئورۇقلىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-21 12:00 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاۋىستىرالىيەلىك ھايلەي ۋەستوبي كونا مۇھەببىتى تەرىپىدىن سېمىز دەپ ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، ھەم بەدەن شەكلىنى ھەم ھاياتىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىغان. ھازىر 25 ياشلىق ھايلەي ئالىي مەكتەپكە چىققان تۇنجى يىلى زىيادە ئويلىماي، ئالدىغا كەلگەننى خالىغانچە يەپ سەمىرىپ كەتكەنىدى. ياش قىز پەقەت بىر يىلدىلا 116 كىلوگرامغا يەتتى. 

باشتا نىشانى پەقەت تۆت ئايدا بەش كىلوگرام ئورۇقلاش ئىدى. لېكىن ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا 65 كىلوگرام ئورۇقلىغان. ئۇ ھازىر پەقەت 51 كىلوگرام كېلىدىكەن. 

كونا يىگىتىنىڭ ئەيىبلىشى سەۋەبىدىن ئورۇقلاشقا بەل باغلاپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەن قىز، ھازىرقى خۇددى مودېللاردەك بولۇپ كەتكەن بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا. 

 

ياش قىز ئورۇقلاش جەريانى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: باشتا قانچىلىك سەمىرگەنلىكىمنى ھېس قىلمىغانىدىم. كېيىن ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى سەمىرىپ كەتكەنلىكىمنى بايقاپ، باشتا ھەيرانلىقتىن نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم، ئوبدان ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ياشاش ئۇسۇلۇمنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدىم. 

ئۇ يەنە مۇنداق داۋام قىلدى: كېيىن ئۆزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەل باغلىدىم ۋە ئۆزۈمگە بىر نىشان بەلگىلىدىم. ئەسلىدە باشتىكى نىشانىم بەش كىلوگرام ئورۇقلاش ئىدى. مېنىڭ بۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتا كۆپ ئورۇقلىيالىشىم ماڭا ئۈمىد ئاتا قىلدى. كېيىن ئورۇقلىغاندىمۇ ئەسلىدە قوللىنىۋاتقان ئورۇقلىنىش ئادىتىنى داۋام قىلدىم، ئاخىرىدا جەمئىي 65 كىلوگرام ئورۇقلىدىم.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号