باش بەت

نۇسرەتگۈل

10619يوللانما
190مەستانە

ھىندىستاندىكى 3 گۆھەر: ساپ ماي، كالا تېزىكى، گانگې دەرياسى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-01-21 16:45 1 ئىنكاس چۈشتى

ھىندىستان تولىمۇ سىرلىق بىر دۆلەت، شۇنداقلا 4 چوڭ قەدىمكى مەدەنىيەت بارلىققا كەلگەن جاي. گەرچە ھازىر ھىندىستان ئىقتىسادى خېلى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئادەتلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ھىندىستانلىقلارنىڭ نەزىرىدە 3 نەرسە ئەڭ قىممەتلىك دەپ قارىلىدۇ: ساپ ماي، كالا ۋە گانگې دەرياسى.

ھىندىستان دۇنياغا خۇشپۇراق ئىشلىتىش مەدەنىيىتى تارقاتقان دۆلەت بولۇپ، بۇ جايدا خۇشپۇراق بۇيۇملارنى ياساش ئۈچۈن تەبىئىي ئەتىر دەرىخى ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئىشلىتىلگەندىن باشقا، يەنە ئۇپا ۋە گۈل-چېچەكلەرمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئەنئەنىۋى ساپ ماي ئەتىرگۈل قاتارلىقلاردىن ئايرىپ چىقىلىدۇ. بىراق، باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى ساندال ياغىچى مېيى بولۇپ، بۇ ماينى ئالىي دەرىجىلىك ئەتىر ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. يەرلىك كىشىلەر ساندال ياغىچى مېيىنى يەنە «سۇيۇق ئالتۇن» دەپمۇ ئاتايدۇ.

ھىندىستاندا، كالا مۇقەددەس ھايۋان دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا، كالا تېزەكلىرىمۇ ئوخشاش ئۇلۇغلىنىدۇ. كالا تېزىكىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى كۆپ بولغانلىقتىن نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى يىغىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزىدە كالا تېزىكى ھەتتا چىش پاستىسى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

بەزىلەر كىچىك بالىلىرىنى گۈل چېچىلغان كالا تېزىكى ئۈستىدە دومىلىتىدۇ، يەنە بەزىلەر كالا تېزىكىدىن ئۆي سالىدۇ.

گانگې دەريا ۋادىسى ھىندىستان مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «ئىلاھىي دەريا» ۋە «ھىندىستاننىڭ ئانىسى» دەپ ئاتايدۇ.

گەرچە مىڭ يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما گانگې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ياشايدىغان كىشىلەر يەنىلا قەدىمدىن قالغان ئۆرپ-ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاقسۇ ئوغلى4 ھەپتە ئىلگىرى

    ھۆ ما مەينەتچىلىكنى چىش پاستىسى قىلەمىش

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号