باش بەت

زورىگۈل

5741يوللانما
40مەستانە

بىرمىنىڭ رانگوندىكى بىر تاماقخانىغا ئوت كېتىپ 5 ئادەم قازا قىلدى، بىر ئادەم يارىلاندى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-21 17:11 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 21-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىرما رانگون ئوت ئۆچۈرۈش ئورنىنىڭ 21-يانۋار ئېيتىشىچە، رانگوننىڭ شەرقىدىكى بىر تاماقخانىدا شۇ كۈنى ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ بەش ئادەم قازا قىلغان، بىر ئادەم يارىلانغان.

ئوت ئاپىتى شۇ جاي ۋاقتى سەھەر 4:35 (ئۈرۈمچى ۋاقتى 4:05)لەر ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. رانگون ئۆت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ياردەمچى ئىدارە باشلىقىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا دەلىللىشىچە، تاماقخانا ئاشخانىسىدىكى گاز تۇڭىدىن گاز قېچىپ ئوچۇق يالقۇنغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. تاماقخانىدا ئۇخلاۋاتقان بەش ئادەم ئىس-تۈتەك سۈمۈرۈۋالغانلىقتىن نەپەس ئالالماي قازا قىلغان. بىر يارىدار دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.

ھۆكۈمەت ئورنىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى ئىشقا سېلىپ نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئوتنى ئۆچۈرگەن. تاماقخانا جوجايىنىنىڭ ئوغلى ۋە 4 ئىشلەمچى قازا قىلغان. ساقچىلار ئوت ئۆچۈرۈش قانۇن-بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تاماقخانا خوجايىنىنى تۇتۇپ تۇرغان ھەم دەرھال دېلو تۇرغۇزغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号