باش بەت

ئوغلان0996

2995يوللانما
18مەستانە

نىكاھ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بەش خىل خاتالىق

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-21 22:12 0 ئىنكاس چۈشتى

ئىقتىسادشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر نىكاھ، تۇرمۇش سۈپىتىگە ئاسان تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكى بىر قانچە خاتالىقنى تۈزىتىش ئارقىلىقلا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىت، پۇل ،بىلىم-كۈچ،مۇھەببەت ئىشلىرىنى تەقسىملەش جەھەتتە پەيدا بولىدىغان زىددىيەتنى ساقلانغىلى بولىدۇ.

خاتالىقنىڭ بىرىنچىسى، ئائىلە ئىشلىرىنى تەڭ تەقسىملەش:

ئائىلە ئىشلىرىنى باراۋەر تەقسىملەش ئادەتتە ئەر-خوتۇنلار تەڭ باراۋەر بولغانلىق دەپ قارىلىدۇ. بىراق تۇرمۇش ۋە پۇلنى باشقۇرۇش جەھەتتە «AAتۈزۈمى»نى يولغا قويغان ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئاسانلا زىددىيەت پەيدا بولىدۇ، ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى «سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك» پرىنسىپقا ئاساسەن، ئەر-خوتۇنلار ھەر قايسىسى ئۆزلىرى ماھىر بولغان ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، ئەرلەر ھەرخىل ھېسابات، كۆكتات سېتىۋېلىش، نەرسىلەرنى رېمونت قىلىشقا؛ ئاياللار تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، ئۆي تازىلاش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

خاتالىقنىڭ ئىككىنچىسى، جېدەللىشىپ تاڭ ئاتقۇزۇش:

نىكاھ مۇتەخەسسىسلىرى ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ياخشى ھەل قىلىنمىسا، ئۇلارنىڭ بىر كارۋاتتا ئۇخلىيالىشى قىيىن بولىدۇ. ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى «زىياندىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش» نەزەرىيىسى بىزگە ئەر- خوتۇنلارنىڭ خاپلىشىپ قالغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئىككى تەرەپكە كەلتۈرىدىغان زىيىنى شۇنچە چوڭ بولىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

خاتالىقنىڭ ئۈچىنچىسى، كۆڭلۈمدىكىنى تاپ دەپ تۇرۇۋېلىش:

كۆپلىگەن كىشىلەر سىرتتا كۆڭلى ئازار يېسە ئۆيگە كەلگەندە كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق بەزىدە ئۇ بىز ئويلىغاندەك بولماسلىقى مۇمكىن. ئەر-خوتۇنلارنىڭ «ئويلىغاننى تېپىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى «ئاشكارىلىق پرىنسىپى»نى قوللىنىپ، كۆڭلىدىكىنى جورىسىغا بىۋاستە ئېيتىش كېرەك، ئاشكارىلىق ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىدۇر.

خاتالىقنىڭ تۆتىنچىسى، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق:

ئەر بالىغا يېرىم كۈن قاراش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، ھەدىسىلا ھەمىشە ئورۇنسىز سەۋەب كۆرسىتىپ، ئائىلىنىڭ قائىدىسى ۋە ئىش تەرتىپىنى بۇزۇپ، بالىغا قارىغىلى ئۇنىمايدۇ، ئۇنداق ۋەدىسىدە تۇرماسلىق ئاسانلا زىددىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى «ۋەدە مېخانىزمى»گە ئاساسەن ۋەدىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش.

خاتالىقنىڭ بەشىنچىسى  ئۇششاق ئىشلارغا ئېتىبارسىز قاراش:

ھەر كۈنى شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ ئائىلە ئىشلىرى تۈگىمىگەننىڭ ئۈستىگە قاتتىق ھېرىپ-چارچاش، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بېسىم چوڭ بولۇش. بۇ خىل ئەھۋال زىددىيەتنى كۈچەيتىۋېتىدۇ ل، بىر تەرەپ ئىشقا كېچىكمەسلىك ئۈچۈن ئالدىرىسا يەنە بىر تەرەپ قولغا-قول بولۇپ ياردەملەشسە، بۇنداق كىچىك ئىشلاردىمۇ كۆڭۈل ئىللىقلىق تاپالايدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号