باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قارا قۇيۇننىڭ ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 16 ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-23 12:48 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 23-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

21-ۋە 22-يانۋار ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونى قاتتىق قارا يامغۇر ۋە قارا قۇيۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئاز دېگەندە 16 ئادەم قازا قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ 22-يانۋار ئېيتىشىچە، جورجىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبى، فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ شىمالى ۋە ئالاباما ئىشتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي بۇرجىكىنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك قارا قۇيۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى كۈچلۈك شامىلى ۋە قاتتىق مۆلدۈرى بار ئىكەن. ھەقىقىي خەتەر قارا قۇيۇندىن كېلىدىكەن.

شۇ جاي ۋاقتى 21-يانۋار ئامېرىكا مىسسىسسىپى ئىشتاتىنىڭ Hattiesburg قارا قۇيۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بىر قانچە ئادەم قازا قىلدى، ئۆي، دەرەخ قاتارلىقلار ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، سۈرەتتە: قارا قۇيۇن ۋەيران قىلىۋەتكەن ئۆي.

ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا دەھشەتلىك بوران ۋە قارا قۇيۇن جورجىيە ئىشتاتىنىڭ قىسمەن رايونلىرىنى كېسىپ ئۆتتى. جورجىيە ئىشتاتى جىددىي ئەھۋال ئۆزگىرىشىنى باشقۇرۇش ۋە دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى ئورگىنىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئىشتاتنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر كەنت ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئاز بولغاندىمۇ 12 ئادەم قازا قىلغان.

21-يانۋار قارا قۇيۇن مىسسىسسىپى ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىنى سىيپاپ ئۆتكەن بولۇپ، 4 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە 20 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ۋە ئاتموسفىرا باش مەھكىمىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، جورجىيە ئىشتاتىنىڭ قىسمەن رايونلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان كۆلىمى زور بولۇپ، كۆپلىگەن دەل-دەرەخلەر ئۆرۈلۈپ كەتكەن، بىر قانچە ئېلېكتىر سىمى يەرگە چۈشۈپ قالغان.

شۇ يەر ۋاقتى 21-يانۋار ئامېرىكا مىسسىسسىپى ئىشتاتىنىڭ Hattiesburg قارا قۇيۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بىر قانچە ئادەم قازا قىلدى، ئۆي، دەرەخ قاتارلىقلار ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، سۈرەتتە: بىر ئايال خارابىگە ئايلانغان ئۆيىدە ئولتۇرماقتا.

جورجىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى دىر ئادەملەر قازا قىلغان ۋە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان رايونلاردا جىددىي ھالەت يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرىنىڭ «بارلىق بايلىقى» ئاپەتكە ئۇچرىغان ۋىلايەت، ناھىيەلەرگە ھەر ۋاقىت يۆتكەپ ئىشلىتىلىشى كېرەك ئىكەن.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 22-يانۋار دىر بىلەن تېلېفونلاشتى ھەم بۇ ئىشتاتنى كېسىپ ئۆتكەن قاتتىق بوران ۋە قارا قۇيۇننىڭ كىشىلەرنى ھاياتىدىن ئايرىغانلىق تىراگىدىيەسى ئۈچۈن بۇ ئىشتات خەلقىدىن ھال سورىدى.

قارا يامغۇر ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن دائىرىلەر ئىككىنچى قېتىملىق ناچار ھاۋانىڭ بېسىپ كېلىشىدىن ئاگاھلاندۇردى، تېخىمۇ قاتتىق يامغۇر ۋە قارا بوران ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号