باش بەت

ئوغلان0996

3020يوللانما
25مەستانە

«يۇقىرى دەرىجىلىك» ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇشنى ئۆگىنىۋالايلى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-24 22:51 0 ئىنكاس چۈشتى

ھازىر بەزى قىزلار ئۆي ئىشلىرىنىڭ تەقسىم قىلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئەر-خوتۇنلارنى «يۇقىرى دەرىجىلىك، ئوتتۇراھال دەرىجىلىك، تۆۋەن دەرىجىلىك» دەپ ئايرىيدىغان بولىۋاپتۇ. بۇ گەپلەر ئاڭلىغانلىكى ئادەمنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ. مەن ئىككى ئايالنىڭ ئاغزىدىن «ئېرىم ئىككىمىز ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەر خوتۇنلاردىن…» دېگەنلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم، ئۇ ئىككى ئايالنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار توي قىلىپ بىر مەزگىل «يۇقىرى دەرىجىلىك» ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ ئۆتۈپ، بارا-بارا «ئوتتۇرا دەرىجىلىك»كە چۈشۈپ قاپتۇ ۋە ھازىر بولسا، «تۆۋەن دەرىجىلىك»كە قاراپ تۆۋەنلەۋېتىپتىمىش.

«يۇقىرى دەرىجىلىك» ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇش ئەمەلىيەتتە تەس ھەم مۇرەككەپمۇ ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن «يۇقىرى دەرىجىلىك» ئەر ئايالىغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدۇ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، بۇ بىر خىل ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشتىنلا ئىبارەت، ھەرگىز ئۆي ئىشىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋېلىش ئەمەس، ئۆي ئىشلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەنىلا ئايالى قىلىدۇ، بىراق، ئېرى ئاز-تولا بولسىمۇ قارىشىپ بەرگىنى ئۈچۈن قىلىشىپ بەرگەن ئىشنىڭ مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى بولۇشى ياكى ناچارراق بولۇشتىن قەتىينەزەر، ئۇ ئايال يەنىلا مەمنۇن بولىدۇ، «يۇقىرى دەرىجىلىك خېنىم» بولماقمۇ تەس، ئاساسلىقى پەزىلەتلىك ۋە قابىل بولۇش ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ئايال ئۆينى جايىدا سەرەمجانلاشتۇرسا، مۇلايىم، مېھرىبان، ۋاپادار، بارنى بۇزۇپ چاچماي، ئازنى يەتكۈزۈپ ئۆتەلەيدىغان بولسىلا بولىدۇ. بۇ ئۆي ئىشلىرىنى قىلالايدىغان ئەر بىلەن ئۆي تۇتۇشتا ئېپى بار ئايالنىڭ قوشۇلۇشىدۇر.

ئەمدى «ئوتتۇراھال دەرىجىلىك» ئەر-خوتۇنلارنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ باقايلى. ئومۇمەن، ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئىستاكانغا چاي قۇيۇپ، دىۋاندا گېزىت كۆرگەچ چاي ئىچىپ ئولتۇرىدىغان، ئارىلاپ-ئارىلاپ ئايالنى ماختاپ قويىدىغان ئەرلەر «ئوتتۇراھال دەرىجىلىك» ئەر دەپ ئاتىلىدىكەن. ئالدىرماي تۆۋەندىكى قۇرلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇڭ: بۇ خىلدىكى ئەرلەر ئۆي ئىشلىرىغا قول تىقمايدۇ، ئەمما ئايالى بۇنىڭدىن خاپا بولۇپمۇ كەتمەيدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئەرلەر ئايالنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىغا ياردەملەشمىگىنى بىلەن، ئايالنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن قۇسۇر ئىزدەپ يۈرمەيدۇ، ئەكسىچە تېخى يېقىشلىق، تاتلىق گەپلەر بىلەن ئايالنى ماختاپ قويىدۇ. ئايال ئېرىنىڭ بۇ ماختاشلىرىدىن قۇسۇر ئىزدىمىگىنىدىن خېلى كۆڭلى نېمىلا دېگەن بىلەن تەسكىن تاپىدۇ، تارتقان جاپالىرىنى بىلىنمەيدۇ. «ئوتتۇراھال دەرىجىلىك» ئايال ئۆي ئىشلىرىغا تازا پۇختا بولمىغىنى بىلەن پۇل تېپىپ ئەكىلىۋاتقان ئېرىنى ماختاشقا، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساشقا ئۇستا، ئىشقىلىپ ئېرىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىدىكى ئاساسلىق تۈۋرۈك ئىكەنلىكىگە ئىقرار، مانا بۇ كىشىنى تاتلىق سۆزلىرى بىلەن بولسىمۇ خوش قىلالايدىغان «شېرىن-شېكەر سۆزلۈك ئەر» بىلەن «شېرىن شېكەر سۆزلۈك ئايال»نىڭ قوشۇلمىسىدۇر.

قېنى، «تۆۋەن دەرىجىلىك» ئەر-خوتۇنلار قانداق بولىدىكىن؟

ئەرلىرى ئۆزىنى «ئائىلىمىزدىكى تۆھپىكار مەن» دەپ قاراپ ئۆزىگە تەمەننا قويىدۇ، شۇڭا ئۆي ئىشلىرى بىلەن پەقەتلا كارى بولمايدۇ. يەنە تېخى ئۇلار يەتمىگەندەك، ئايالنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى كۆزگە سىغدۇرالمايدۇ، ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ خوتۇننى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار «تۆۋەن دەرىجىلىك» ئەرلەردۇر. ئەمىسە «تۆۋەن دەرىجىلىك» ئاياللارچۇ؟ ئۇنداقلار ئۆي ئىشلىرىنى رەسمىيەت يۈزىسىدىن قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىدۇ، ئەمما ئاغزى بېسىقماي كوتۇلدايدىغان، ئەرلىرى بەرگەن پۇلنى ئاز كۆرۈپ رازى بولمايدۇ، تۇرمۇش شارائىتىنى ناچار كۆرۈپ ئاغرىنىپلا يۈرىدۇ، ئىشقىلىپ، ئەرگىمۇ ئايالغىمۇ قىلچە ئەركىنلىك،كۆڭۈل ئازادىلىكى يوق، مانا بۇلار «قۇسۇرچى» ئەر بىلەن «قۇسۇرچى» ئايالنىڭ شۇنداق ماسلىشىدۇر. 

يۇقىرىقىلاردىن ئەر-خوتۇن قەلبداش بولسىلا «يۇقىرى دەرىجىلىك» ئەر-خوتۇنلاردىن بولمىقى ئانچىلا مۈشكۈل ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号