باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2694يوللانما
4مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەتنىڭ نوپۇسى 10غىمۇ يەتمەيدۇ

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-01-25 18:15 0 ئىنكاس چۈشتى

سۈرەتتىكىسى دەل بىز تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان دۆلەتنىڭ بايرىقى، گەرچە نوپۇسى بەكلا ئاز بولسىمۇ، بىراق بۇ دۆلەتنىڭ يەنىلا ئۆزى ئىشلىتىدىغان پۇل بىرلىكى بار.

مولوسسىيا جۇمھۇرىيىتى (The Republic of Morossia) دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك دۆلەت بولۇپ، پۈتۈن دۆلەتتىكى نوپۇس 10 ئادەمدىنمۇ ئاشمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ئەڭ ئەپچىل، ھەتتا يانچۇققا سېلىۋالغىلى بولىدىغان دۆلەت دەپ ئاتىلىدۇ.

سۈرەتتىكىسى مولوسسىيا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەشۋىقات لوزۇنكىسى، بەلكلىم سىز مۇشۇ بىر لوزۇنكىدىنلا پۈتۈن بىر مەملىكەتتە يۈز بەرگەن مۇھىم ئىشلارنىڭ ھەممىنى بىلەلىشىڭىز مۇمكىن.

سۈرەتتە: مولوسسىيا جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭىنىڭ ئىشخانىسى، بەلكىم بۇ ياغاچ ئۆينى زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى دېسە ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بىراق دەل شۇنداق. زۇڭتۇڭ ئەپەندى ئىشخانىسىنىڭ ئۈستىگە دۆلەت بايرىقى ئېسىشنى قارار قىلغان ئىدى.

مولوسسىيا جۇمھۇرىيىتى مەيدانى، گەرچە قۇرۇلۇش جەھەتتىن ئانچە مۇكەممەل دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، بىراق يەنىلا پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجىنى مەلۇم جەھەتتىن قاندۇرالايدۇ.

مولوسسىيا جۇمھۇرىيىتى دۆلەت چېگرىسى، مولوسسىيا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۆت ئەتراپىنى ئامېرىكا زېمىنى ئوراپ تۇرىدۇ.

سۈرەتتە: ماشىنىدا تۇرۇپ پاراتتىن ئۆتۈۋاتقان ۋە شۇنداقلا يول بويىدىكى پۇقرالارغا قول پۇلاڭلىتىپ ھال سوراۋاتقان مولوسسىيا جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى.

مولوسسىيا جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ كۆچمەن بولۇپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىپمۇ كەتمەيدۇ، بىراق نوپۇس بەكلا ئاز بولغاچقا، ئۇ تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

دۆلىتىگە ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كۈتىۋالغىلى چىققان زۇڭتۇڭ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号