باش بەت

del103

3896يوللانما
18مەستانە

JDI كېلەر يىلى iPhoneنى ئەۋرىشىم LCD ئېكران بىلەن تەمىنلەيدۇ

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-26 10:47 0 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېڭىلىق كەمچىل دەپ قارالغاچقا، ئالما شىركىتى بۇ يىل ئېلان قىلماقچى بولغان iPhone X (ئايفون مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىغا ئاتالغان خاتىرە نۇسخا)نىڭ ئېكرانىغا يېڭى تېخنىكا ئىشلىتىدىغانلىقى كۆپلىگەن تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىندى، ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا iPhone X ئالما شىركىتى ئايفوننىڭ سىرتقى شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە تۇنجى قېتىم ئۇرۇنۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

«ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئالما شىركىتى 2018-يىلى ئېلان قىلىنىدىغان ئايفونغا ئەۋرىشىم ئېكران سەپلەشنى پىلانلىغان، داڭلىق يانفون ئېكرانى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت JDI ئاللىقاچان ئەۋرىشىم ئېكراننى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلىنىپ بولغان.

بۇرۇنقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، JDI شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئەۋرىشىم ئېكران تاختىسىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش تەييارلىقى پۈتكەنلىكىنى، شۇنداقلا بازارغا سېلىش ۋاقتى 2019-يىلى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەگەر بۇ ئۇچۇر ئىشەنچلىك بولسا، ئۇنداقتا ئالما شىركىتى بەلكىم JDI ئىشلەپچىقارغان ئەۋرىشىم ئېكراننى بىرىنچى بولۇپ ئىشلىتىشكە كېلىشىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەۋرىشىم ئېكران يانفوننىڭ تۆت تەرىپىدىكى رامكىسىنى تېخىمۇ تارايتىپ، باتارېيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنداقلا ئېگىلەلەيدۇ.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە خۇاۋېي بىلەن ئالما شىركىتى JDIنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ خېرىدارى ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号