باش بەت

قىسمەت

682يوللانما
2مەستانە

ئامېرىكىلىقلار توي قىلسا قانچىلىك پۇل خەجلەيدۇ؟

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-26 23:20 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگولۇقلار توي قىلسا سوۋغات، ئۆي، ئاپتوموبىل، ئۆي جاھازلىرى، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى كەم بولسا بولمايدۇ. «توي قىلالماسلىق» نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ ئورتاق تەسىراتى بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا، ئامېرىكىلىق ئەر بىر ئايال بىلەن توي قىلسا، يەنە قانچىلىك پۇل كېتىدۇ؟

ئامېرىكىلىقلار توي قىلغاندا، نېمىگە بەك ئېتىبار بېرىدۇ؟ 
ھەممىمىزگە ئايان، ئامېرىكىلىقلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئەمما ئۇلارنىڭ نىكاھ سۈپىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. بۇ يەردە ئېيتىلغان نىكاھ سۈپىتى-بىر جۈپلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا CBS تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، %90 ئادەم ئۆزىنىڭ ھەمراھىدىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى، كېيىنكى ئۆمرىدىمۇ قارشى تەرەپ بىلەن توي قىلىشنى تاللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇنداق نەتىجە چىقىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ۋە نىكاھ قارىشى بىلەن مۇھىم ئالاقىسى بار، 15 يىللىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەۋەس، يۇمۇرلۇق، مۇسكۇللۇق بولۇش ئامېرىكىلىق قىزلارنىڭ لايىق تاللىشىدىكى مۇھىم ئۆلچەم ئىكەن، ئەمما ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ %49 ۋە %37 لىك نىسبەت بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېتىراپ قىلىدىغان نىكاھتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەن.

ئامېرىكىلىقلارنىڭ توي چىقىمى 
ئامېرىكا «توي خىراجەتلىرى» (Costofwedding) تورىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا يېڭىدىن توي قىلغان قىز-يىگىتنىڭ توي مۇراسىمىغا كېتىدىغان خىراجەت 19 مىڭ 833 دوللاردىن 33 مىڭ 55 دوللارغىچە ئىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە، %40 تىن كۆپرەكىنىڭ 10 مىڭ دوللاردىن تۆۋەن، %16 تىنىڭ 30 مىڭ دوللاردىن يۇقىرى، ئوتتۇرىچە 26444 دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. كونكېرت چىقىم تۆۋەندىكىچە:

كىيىم-كېچەك ۋە زىننەتلەر: 1622ئامېرىكا دوللىرى، ئاساسلىقى توي كىيىمى، مۇراسىم كىيىمى خىراجىتى قاتارلىقلار. 
گىرىم قىلىش ۋە ئارىشاڭ: 192 ئامېرىكا دوللىرى، ئاساسلىقى قىز تەرەپنىڭ گىرىم خىراجىتى. 

كۆڭۈل ئېچىش: 1357 ئامېرىكا دوللىرى، بۇ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ تەڭكەش قىلىش خىراجىتى، تەكلىپ قىلىنغان ناخشىچىلارنىڭ ناخشا ئېيتىپ بېرىش ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

گۈللەر ۋە بېزەش ھەققى: 1579 ئامېرىكا دوللىرى، ئاساسلىقى توي سورۇنىغا كېتىدىغان گۈللەر بىلەن بېزەش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سوۋغات بۇيۇمى بىلەن مىننەتدارلىق سوۋغىسى: 697 ئامېرىكا دوللىرى، مېھمانلارغا سوۋغات بېرىش ۋە مۇلازىمەت خادىملىرىغا بېرىلىدىغان چاي پۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


تەكلىپ: 896 ئامېرىكا دوللىرى. بۇ توي مۇراسىمى تەكلىپنامىسى، مىننەتدارلىق كارتىسى، پوچتا ھەققى، كەلگەن مېھمانلارنى تىزىملاش دەپتىرى، ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى پەرقلەندۈرۈش كارتىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

زىننەت بۇيۇملىرى: 4065 ئامېرىكا دوللىرى. تويلۇق ئۈزۈك 4199 دوللار، ئەر-ئايال تەرەپ بىردىن تاقايدۇ.

سۈرەت تارتىش ۋە سىن ئېلىش: 2778 دوللار

پىلان ۋە مەسلىھەتچەت ھەققى: 1646 ئامېرىكا دوللىرى، توي مۇراسىمىنى پىلانلاش ۋە مەسلىھەت بېرىش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


يىغىن مەيدانى، يېمەكلىك بىلەن ئىجارە ھەققى: 11784 ئامېرىكا دوللىرى. توي مۇراسىمى مەيدانى (ئاساسەن چېركاۋ) ئىجارە ھەققى، مېھمانلارنى كۈتۈش، يېمەكلىك ياكى كەچلىك تاماق خىراجىتى، توي تورتى ۋە تاتلىق-تۈرۈم خىراجىتى، ھەشەمەتلىك پىكاپ ئىجارە ھەققى، ياتاق ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

راستىنلا پەقەت مۇشۇلا بارمۇ؟ 
تويلۇقچۇ؟ ئۆيچۇ؟ ماشىنىچۇ؟ ئۆي جاھازلىرىچۇ ئېلېكتېر ئۈسكۈنىلىرىچۇ؟ 
تىك-تاك تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا تويلۇق، رەسمىيەت ھەققى دېگەندەك قاراشلار يوق، ماشىنا ئىككى تەرەپنىڭ ئەسلىدە بار بولغان قاتناش قورالى بولۇپ، ئەگەر بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئاندىن چوڭراق ماشىنا سېتىۋېلىشنى ئويلىشىدۇ. ئۆي جاھازلىرىنى ئىككىيلەن بىللە سېتىۋالىدۇ، ئېلېكترلىك ئۈسكۈنلىرىدىن پەقەت 50 دىيوملۇق بىر دانە سۇيۇق كرىستال ئېكرانلىق 
تېلېۋىزور بولسىلا بولىدۇ، بۇنىڭغا نەچچە يۈز دوللار بولسىلا كۇپايە. باشقا ئېلېكتېر سايمانلىرىدىن، مەسىلەن، توڭلاتقۇ، قايناتقۇ، كىرئالغۇ، قۇرۇتۇش ماشىنىسى، دوخۇپكا، قاچا يۇيۇش ماشىنىسى قاتارلىقلار مەيلى يېڭىدىن سېتىۋالغان ئۆي بولسۇن ياكى ئىجارە ئۆي بولسۇن، ھەممىسىدە ئەسلىدىنلا سەپلەنگەن بولغاچقا، ئايرىم سېتىۋېلىش ھاجەتسىز. 

ئامېرىكا Goldwell Banker Real Estate نىڭ سىتاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 18 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان ياش ئەر-ئاياللارنىڭ تۆت جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئىچىدە بىر جۈپىلا تويدىن بۇرۇن ئۆي سېتىۋالغان بولىدىكەن. بۇ ئۆينى ئىككىسى بىرلىكتە سېتىۋالىدىكەن، ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلىنى بىللە پۇل تاپشۇرۇپ، قەرزنىمۇ بىللە تۆلەيدىكەن. 

شۇڭلاشقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئامېرىكا ياشلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تويغا كېتىدىغان پۇل پەقەت شۇ ئاساسىي توي خىراجەتلىرى. خىراجەتنى بىر ئاز تېجىسە، 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمەي، راھەت-پاراغەترەك ئۆتكەزسە 30 مىڭ دوللارغا يېتىدۇ. ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىللىق مائاشى مائاشى تەخمىنەن 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئازغىنە باج تاپشۇرۇشى كېرەك. توي قىلغاندا 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلسىمۇ، پەقەت بىر يىللىق كىرىمىگە توغرا كېلىدۇ خالاس. 
شۇنداق، يېڭى ئۆيدىكى باشقا بۇيۇملار، مەسىلەن، ئاشخانا سايمانلىرى، كارىۋات بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بار. بۇلارغا ئادەتتە ئايال تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ. كېلىن تويدىن بۇرۇن تىزىملاش جەدۋىلى تارقىتىپ، توي مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ئۇرۇغ-تۇغقان، خىزمەتداشلىرىغا ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى سېتىۋېلىشقا تېگىشلىك سوۋغات، قاچا-قۇچىلار، ئاشخانا سايمانلىرى، يوتقان-كۆرپە، مۇنچا بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى تىزىملاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، بۇ كۆپچىلىكنى بۇ بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشقا ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلغانغا باراۋەر يەنى قىز مېلى، تويلۇق.
ئەڭ ئادەمنى ھەۋەس قىلدۇرىدىغىنى شۇكى، ئامېرىكىدا ئادەتتە توي خىراجىتىنىڭ 
ھەممىسىنى ئايال ئۈستىگە ئالىدۇ. ئامېرىكىدا ھازىرمۇ كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ئەنئەنە ساقلىنىپ قالغان. ئەر تەرەپ ئۈستىگە ئالىدىغان بىردىنبىر شەرت، چاي ئىچۈرۈش ئۈزۈكى ۋە توي مۇراسىمى ئۈزۈكىنى ئېلىش. بۇ ئۈزۈككە ئادەتتە ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك ئىشلىتىلىدۇ، باھاسى بىر قەدەر قىممەت، ئاز دېگەندىمۇ نەچچە مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا. ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايلىق خىزمەتچى بولغاچقا سېتىۋالالمايدۇ. %80 تىن ئارتۇق ياش بولغۇسى ئايالىغا يوق تويلۇق ئۈزۈك سېتىۋالمايدۇ.

تەنھالىقتىن خوشلىشى يىغىلىشى 
«بويتاقلار يىغىلىشى»(Bachelor Party)، ئامېرىكىدا ئومۇملاشقان ئۆرپ-ئادەتنىڭ بىرى. نىكاھ- مۇقەددەس، بۇ سىزنىڭ تويدىن كېيىن پەقەت شۇ بىر ئادەمنىلا سۆيىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن توي قىلىشتىن بۇرۇنقى ئەھۋال ئوخشىمايدۇ، شۇڭا توي قىلىشتىن بۇرۇن بارلىق قىلغۇڭىز بار، لېكىن سىز سىناپ باقمىغان ئىشلار دەل بويتاقلار يىغىلىشىدا ئىشقا ئاشىدۇ.
خەۋەرلەرگە ئېيتىلىشىچە، ئىسىمىدىن قارىغاندا، يىگىت ئۈچۈن 
ئۆتكۈزۈلگەن تەنھالار يىغىلىشى (Stag Party) يەنى «قىزىل بۇغا يىغىلىشى»دەپ ئاتىلىدىكەن، ئەڭ يېقىن دوستلىرى ۋە ۋە ئۈلپەتداشلىرى تەكلىپ قىلىنىدىكەن، بىردىنبىر تەلەپ شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەركەك. ئەمما قىزنىڭ تەنھالار يىغىلىشى بولسا (Hen night)، يەنى «مېكيان كېچىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، تەكلىپكە بىنائەن ئەڭ يېقىن قىز دوستلىرى قاتنىشىدۇ. 

پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن بىر يەرگە جەم بولۇپ، نېمە ئىش قىلغۇسى بولسا شۇنى قىلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، يىگىت قولدىشى بىلەن قىز قولدىشى بۇ پائالىيەتنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، يىغىلىش ئۈچۈن تەم سەزگۈسى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە تەسەۋۋۇر كۈچى ئۇلارنىڭ ئەسەبىيلىك دەرىجىسىگە باغلىق بولىدۇ. دوستىنى بۇ تەنھالىقتىن خوشلاشتۇرۇش ئۈچۈن، Partyنىڭ تېمىسى ئىنتايىن كەڭ، قىلسا كىشىنىڭ يۈزى قىزارغۇدەك، يۈرىكى گۈپۈلدەپ سوققۇدەك تېما ۋە ئويۇن شەكلى قوللىنىلىدۇ. قىزلار كىيىم سېلىپ ئۇسسۇل ئويناش ۋە ئوغۇللار كىيىم سېلىپ ئۇسسۇل ئويناشتەك ئادەت بۇ يىغىلىشنىڭ ئاساسەن ھەممىسىدە بار.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号