باش بەت

جۇشقۇنجان

3501يوللانما
4مەستانە

گۇگول شىركىتى سۈنئىي ھەمراھ كەسپىنى سېتىۋەتمەكچى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-27 13:20 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە گۇگول شىركىتىنىڭ ئانا شىركىتى Alphabet ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى Terra Bella سۈنئىي ھەمراھ كەسپىنى سېتىۋېتىشنى پىلانلىغان. نۆۋەتتە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەت مۇلازىمىتى شىركىتى Planet Labs بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا Alphabet شىركىتى يەنە باشقا بىر شىركەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، 300 مىليون دوللارلىق باھادا Terra Bella كەسپىنى Climate شىركىتىگە سېتىپ بېرىشنى پىلانلىغان.

Terra Bella كەسپىنىڭ بۇرۇنقى نامى Skybox Imaging شىركىتى بولۇپ، بۇ شىركەت 2014-يىلى گۇگول شىركىتى تەرىپىدىن 500 مىليون دوللارغا سېتىۋېلىنغان. نۆۋەتتە Terra Bella كەسپىنىڭ جەمئىي يەتتە دانە سانلىق مەلۇمات توپلاش سۈنئىي ھەمراھى بار بولۇپ، گۇگول خەرىتىسىدىن باشقا ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتلەرنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى ۋە «ۋال كوچىسى گېزىتى» مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدىلا Alphabet شىركىتىنىڭ Terra Bella سۈنئىي ھەمراھ كەسپىنى سېتىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشچە Planet Labs شىركىتىنىڭ Terra Bella كەسپىنى سېتىۋېلىش سودىسى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالغان. ئەمما كونكرېت سېتىش-سېتىۋېلىش باھاسى ئېنىق ئەمەس.

ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار يەنە بىر زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە Planet Labs شىركىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە Alphabet شىركىتى يەنە Climate شىركىتى بىلەنمۇ ئۇچراشقان، Terra Bella سۈنئىي ھەمرا كەسپىنىڭ سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 300 مىليون دوللار ئەتراپىدا مۇقىملاشقان بولۇپ،بەزى خەۋەرلەردە Terra Bella كەسپى ئاساسەن باشقا شىركەتلەرگە ھەقسىز سوۋغا قىلىۋېتىلدى دەپ قارالغان. گۇگول شىركىتىنىڭ Terra Bella سۈنئىي ھەمرا كەسپىنى سېتىۋېتىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا ئۆزى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ۋە سۈنئىي ھەمراھنى ئىشلەتكەنگە قارىغاندا ئۈچىنچى تەرەپتىن بىۋاسىتە سۈرەتكە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى سېتىۋالغاندا تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号