باش بەت

نۇسرەتگۈل

8453يوللانما
213مەستانە

تانزانىيەدە ئالتۇن كانى گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 ئادەم قاپسىلىپ قالدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-27 20:14 0 ئىنكاس چۈشتى

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، تانزانىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى گېيتا رايونىدا بىر ئالتۇن كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، بىر جۇڭگولۇق ۋە تانزانىيەلىك 13 نەپەر كان ئىشچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ئادەم قاپسىلىپ قالغان. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ تانزانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتىيە خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ياردەملەشكەن.

ھادىسە يۈز بەرگەن كان قۇدۇقىغا مەسئۇل شىركەتنىڭ باياناتچىسى كانگا بۇ كان قۇدۇقى جايلاشقان ئورۇننىڭ بىر قەدەر يىراق ئىكەنلىكىنى، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ قۇدۇقنىڭ 38 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە جىددىي ئاتلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېيتا رايونىغا مەسئۇل ساقچى دائىرىلىرى ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن شۇ جايدىكى ساقچىلار، ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار ھەمدە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى، بىراق، ھازىرغىچە ھېچقانداق ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھادىسە يۈز بەرگەن كان قۇدۇقى جۇڭگو-تانزانىيە ھەمكارلىقىدا ئېچىلغان بولۇپ، بۇ كان قۇدۇقىنىڭ جۇڭگو تەرەپ مەسئۇلى ليۇ گۈيشۆ 1-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىركەتتىكى قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ ھازىر 15 مېتىر چوڭقۇرلۇققىچە قېزىپ بولغانلىقىنى، بىراق، قاپسىلىپ قالغانلار بىلەن ئالاقىلىشالمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە قۇدۇق ئىچىدىكى بوشلۇق چوڭ بولغانلىقى ھەمدە قۇدۇق ئىچىگە توختىماي ئوكسېگىن كىرگۈزۈپ تۇرۇلغانلىقى سەۋەبلىك قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىگە بولغان ئۈمىدنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号