باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2698يوللانما
3مەستانە

«تىتانىك»تىكى Rose نىڭ بولغۇسى يولدىشى «كېنتاكېي» گېنىرالى بولدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-28 13:14 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: يېقىندا «كېنتاكېي» تېز تاماقخانىسى «تىتانىك» تا كالېدون خوكلېي (Caledon Hockley)نىڭ رولىنى ئالغان بىللىي زانې (Billy Zane ) نى ئوبراز ۋەكىللىكىگە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا گېئورگىيا گولد (Georgia Gold) گېنىراللىق ئۇنۋانى بەرگەن. بۇ بەلكىم كېنتاكېي تارىخىدا گېنىراللىق ئۇنۋانىنى ئالغان، بىراق تونۇش ئەڭ تەس بولغان بىر زات بولۇشى مۇمكىن.

سۈرەتتە: گېئورگې خامىلتون.

ئالدىنقى يىلى كېنتاكېي چۈرۈك مايدا قورۇلغان توخۇسى ئۈچۈن بىر يۈرۈش تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان، ئەينى ۋاقىتتا گېئورگې خامىلتون (George Hamilton ) ساندوز (Sandoz) نىڭ گېنىرالى ئىدى، ئۇ ئۇچىسىغا كېيىۋالغان بۇغداي رەڭلىك كۆينىكى قارىماققا ئۇنىمۇ شۇنچىلىك چۈرۈك كۆرسىتىپ قويغان ئىدى. بۇ قېتىم بىللىي زانې ئۇچىسىغا ئالتۇن رەڭلىك كىيىم كىيىپ يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان مايدا قورۇلغان توخۇ گۆشىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى، بىراق بىللىي زانې ئىزچىل بايۋەتچىنىڭ رولىغا چىقىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى كىيىنىشىمۇ خېلى ماس كەلگەن ئىدى.

ساندوزنىڭ باشقا گېنىراللىرىدىن يەنە نورم مەكدونالد (Norm Macdonald)، داررېل خامموند (Darrell Hammond) ۋە «ئېلان تەلۋىسى» دە چىقىدىغان ۋىنسېنت كارتېيسېر (Vincent Kartheiser) قاتارلىقلار بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېنتاكېينىڭ «ئەسلىمە ساندېز گېنىرالى» (Re-Colonelization) سېتىش پائالىيىتىدىكى مۇھىم ئەزالاردۇر.

سۈرەتتە: ۋىنسېنت كارتېيسېر

ئەركىن تېز تاماقخانىنىڭ تەسىرىدە خېلى كۆپ قىسىم تېز تاماقخانىلار تاماقلىرىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ خېرىدار جەلىپ قىلىۋاتىدۇ، بىراق كېنتاكېي ئۇدا توققۇز پەسىللىك ئوخشاش دۇكان سېتىلىش مىقدارى ئېشىپ كېلىۋاتىدۇ، 2016-يىلىنىڭ ئۈچىنچى پەسلىدە، ئوخشاش دۇكاننىڭ سېتىلىش سوممىسى %6 ئاشتى، ئۇندىن باشقا كېنتاكېي كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا يەنە 300 دۇكان ئاچماقچى. (كېنتاكېينىڭ ئامېرىكىدا 4200 تارماق دۇكىنى بار.)

كېنتاكېي تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، داڭلىق چولپانلاردىن پايدىلىنىپ سېتىش پائالىيىتى راستىنلا ئاز بولمىغان كىشىلەرنى جەلىپ قىلدى، يېشى 35 ياشتىن تۆۋەن خېرىدارلارنىڭ كېنتاكېي ماركىسىنى ياقتۇرۇش نىسبىتى ئالدىنقى يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %45 ئاشتى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى بەلكىم يەرلىك ئەنئەنىۋى تەمگە يۈرەكلىك ئىسلاھات يۈرگۈزۈشتىن بولۇشى مۇمكىن. ناشۋىللىې (Nashville) كېنتاكېينى ناشۋىللې ئاچچىق توخۇسى (Nashville Hot Chicken) چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇردى، بۇ قېتىم بولسا گېئورگىيان ھەسەل قىچا تالقىنى كاۋاپ تەملىك مايدا قورۇلغان توخۇسى (Georgian Honey Mustard Grilled Chicken Fried Chicken) نى بازارغا سېلىشتا گېئورگىيان ئىلھام بەردى.


جورجىيا ئىشتاتى ۋە جەنۇبى كالفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر قىسىم جايلاردا، يەرلىك كىشىلەر قىچا تالقىنى كاۋاپ تەملىك تېتىتقۇسىنى گۆش ئۈستىگە قۇيۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كېنتاكېينىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىككى خىل تېتىتقۇسى دەل كاۋاپ تەملىك ۋە ھەسەل قىچا تەملىك تېتىتقۇسىدۇر، شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان توخۇ گۆشى مەھسۇلاتىدا بۇ ئىككى تەم دادىل بىرلەشتۈرۈلدى.


ھازىر خېرىدارلار ئارىسىدىكى ياشلار يېڭىچە تەمنى تېتىپ بېقىشنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭلاشقا كېنتاكېي كەلگۈسىدە ھەر بىر يىلدا بىر خىل يېڭىچە تەمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى پىلانلىدى، بىراق تىز تاماقخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېنتاكېيمۇ بەك ئالدىراقسان بولۇشنى خالىمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتى ئۈستىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ، خالاس.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号