باش بەت

جاھانكەزدى

14374يوللانما
10مەستانە

ئاپتوموبىل توختاتقاندا ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يېنىدا توختىتىڭ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-29 21:50 0 ئىنكاس چۈشتى

يولدا ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلغا يولۇققاندا، ئامال بار يىراق تۇرۇش كېرەك دەيدىغان گەپ بار. بىراق، نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتوموبىل توختاتقاندا مەخسۇس ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يېنىنى تاللاپ توختىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتوموبىل توختاتقاندا، ئاپتوموبىلنىڭ بېشىنى سىرتقا قارىتىپ توختىتىدۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەب نېمە؟ 

1. ئاپتوموبىل توختاتقاندا ئامال بار ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يېنىغا توختىتىش لازىم 

ئادەتتە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ شوپۇرلىرى ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ، ئەگەر سىز ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ بۇ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يېنىغا توختاتسىڭىز، قارشى تەرەپ ئاپتوموبىلنى ئېلىش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن سىزنىڭ ئاپتوموبىلىڭىزنى سىزىپ قويسا، ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ تۆلەپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىلىنى سىزىپ قويسىڭىز، ئەگەر مەسىلە كىچىك بولسا، پەقەت سىزنىڭ پوزىتسىيەڭىز ياخشى بولسىلا، ئادەتتە سىزگە ئېسىلىۋالمايدۇ. 

ئاپتوموبىلنى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يېنىغا توختاتقاندا، ماشىنا ئوغرىلىرى ئالدى بىلەن ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ يېنىدىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلغا كۆز تىكىدۇ، ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارغا ئانچە قاراپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سىزنىڭ ئاپتوموبىلىڭىز نىسبەتەن بىخەتەررەك بولىدۇ.

 

2. ئاپتوموبىلنىڭ بېشىنى سىرتقا قارىتىپ توختىتىش لازىم

 ئاپتوموبىلنىڭ بېشىنى سىرتقا قارىتىپ توختاتقاندا، يولدىن ئۆتكەنلەر ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئەھۋالنى كۆرەلەيدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىلنىڭ بېشى ئىچىگە قارىتىپ توختىتىلسا، ئوغرى ئاپتوموبىل ئىچىگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلسىمۇ ھېچكىم بايقىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىل ئوغرىلىرى ناھايىتى تەجرىبىلىك بولۇپ، ئادەتتە ئاپتوموبىل بېشى ئىچىگە قارىتىپ توختىتىلغان ھەمدە چەت جايلارغا توختىتىلغان ئاپتوموبىللارنى ئوغرىلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاپتوموبىل بېشى سىرتقا قارىتىپ توختىتىلسا، ماشىنىنى ھەيدەپ چىقىشمۇ قولايلىق بولىدۇ.

 

3. ئاپتوموبىل توختاتقاندا تالون ئېلىشنى ئۇنۇتماڭ 

ئاپتوموبىل توختاتقاندا چوقۇم تالون ئېلىش ھەمدە تالون ئۈستىگە تامغا بېسىلغان  بولۇشى لازىم. بۇنداق بولغاندا، ئەگەر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ئاپتوموبىل زەخىمگە ئۇچرىسا ياكى ئاپتوموبىل ئىچىدىكى نەرسە-كېرەك يوقاپ كەتسە، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ. 

بىراق كۆپچىلىك ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يېنىغا ئاپتوموبىل توختاتقاندا شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى، ئاپتوموبىل توختاتقاندا ۋە ئاپتوموبىلنى ئالغاندا ھەشەمەتلىك ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلغا تېگىپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئەگەر بىپەرۋالىق قىلىپ ھادىسە سادىر بولسا، مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، چوقۇم ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلى بىئارام بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号