باش بەت

ئوغلان0996

2932يوللانما
12مەستانە

ئىناق ئائىلە قۇرۇش تەس ئەمەس

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-30 22:25 0 ئىنكاس چۈشتى

ئائىلە جەمىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى. ئىناق ئائىلە مېھرى-مۇھەببەت ۋە خاتىرجەملىكنىڭ بۇلىقى، ئىناق ئائىلىلەر گۈزەل جەننەتكە ئوخشايدۇ، جەمىئىيىتىمىزدە ئىناق ئائىلىلەر قانچە كۆپەيسە سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش قەدىمى شۇنچە تېزلىشىدۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۈيۈك مەقسەت ۋە ھالال نىيەتلەردە قۇرۇلغان سانسىزلىغان ئائىلىلەر ئانچىكى ئىشلار تۈپەيلى ئىناقسىزلىق پاتقىغا پېتىپ، يىمىرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئائىلىلەردىكى ئىناقسىزلىق بىر ئائىلە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، جەمىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىدىمۇ بەلگىلىك پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇ ۋەجىدىن ھازىر ئىناق ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىش ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئائىلە ئىناقلىقىنى ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ؟ مېنىڭچە ئائىلە ئىناقلىقى بەرپا قىلىشتا تۆۋەندىكى ئىشلارغا سەل قارىماسلىق كېرەك:

ئۆزئارا نىكاھ مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن ئەر-خوتۇنلار ئىجىل، ئىناق، بىر-بىرىنىڭ ھالغا يېتىدىغان، مەيلى راھەت پاراغەتتە بولسۇن، مەيلى جاپا مۇشەققەتتە بولسۇن، ھەممىنى تەڭ كۆرىدىغان، ھەمىشە ئۆزىنىلا ئويلىماي قارشى تەرەپنىمۇ ئۆزىدەك ئويلايدىغان بولۇشى كېرەك.

ئاتافئانا بولغان ئەر-خوتۇنلار پەرزەنتلىرىنى ۋاپادار، كۆيۈمچان، خەلققە ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئۆز ئاتا-ئانىسىدەك كۆيۈنۈپ، پەرزەنتلىك بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشى، بالىلارغا چوڭلارنى ھۆرمەتلەشتە ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

ئەر-خوتۇنلار مۇھەببەتكە سادىق بولۇشى، تۇرمۇش قۇرغاندىن تارتىپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر- بىرىگە سادىق بولۇشى، تۇرمۇشتىكى ھەرخىل ئىشلاردا بىر-بىرىنى ئۆزارا ھۆرمەت قىلىشى، بىر-بىرىگە كۆپرەك يول قويۇشى كېرەك.

ئەر-خوتۇنلار ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشتا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىشى، ئائىلە ۋە بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى، سېنىڭ، مېنىڭ دەيدىغان ئىللەتتىن نېرى تۇرۇش كېرەك.

ئەر-خوتۇنلار ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنا،خىزمەتداش، دوستلار ئارا بولىدىغان مۇناسىۋەتلەرنى ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

ئەر-خوتۇنلار كۈنلۈك تۇرمۇشتا ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك، ئىمكان بار ھال كۈنى ئۆزىنىڭكىدىن ناچارلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ تۇرۇشى، ماددىي ياردەم قىلالمىسىمۇ ئوچۇق چىراي، سالام ۋە كۈلكىسىنى ئايىماسلىقى لازىم.

ئەر-خوتۇنلار ئائىلىدە ئۇششاق ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئۆز ئارا جېدەل ماجرا، زورلۇق زومبۇلۇق قىلىشماسلىقى كېرەك، ساختىپەزلىك ۋە ھارامزادىلىكتىن يىراق تۇرۇش بىلەن بىرگە، پىتنە پاسات، چېقىمچىلىق، غەيۋەتخورلۇق، يالغان ياۋىداق گەپ سۆزلەردىن ساقلىنىش لازىم.

ئەر-خوتۇنلار مەسلىھەتلىشىپ ئۆزىگە ئېنىق بولغان ئورتاق بىر نىشان بېكىتىشى لازىم، ھالال يوللار بىلەن توختىماي ئىزدىنىپ، ئۆز كەسپىنى قەدىرلەپ، قىلغان ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا تىرىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن ئۆزىنى جاھاندا بىر ساناپ، خۇدىنى يوقىتىپ قويماسلىقى، كىچىككىنە پۇل تېپىپلا، جۈپتى ھالالغا يۈزسىزلىك قىلماسلىقى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتە جورىسىدىن ئۆزىنى قانچىلىك قوللىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارماسلىقى لازىم.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئىناق ئائىلە قۇرۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس. جەمئىيىتىمىزدە ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن تىنىمسىز ئەجىر سىڭدۈرىدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان ئەر-خوتۇنلار كۆپەيسە، ئىناق ئائىلىلەر كۆپلەپ بارلىققا كېلىدۇ، ئائىلىلەردە خۇشاللىق ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

ئاپتورى: مۇھەممەتجان تىلىۋالدى

پەيزاۋات ناھىيە گۈللۈك يېزا ئاقتوقاي كەنتىدىن

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号