باش بەت

azmat

557يوللانما
2مەستانە

بىر تال تاماكىنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك (1)

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-31 21:33 0 ئىنكاس چۈشتى

«تاماقتىن كېيىنكى بىر تال تاماكا جاننىڭ راھىتى»، «تاڭ سەھەردە بىر تال تاماكا چېكىۋالسا پۈتۈن كۈن روھلۇق بولىدۇ»، «ئەل- ئاغىنىلەر بىرەرتالدىن چېكىشىپ» ... 

پېشقەدەملەرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «كۈتۈنۈش سىرى» نى ئاڭلاپ باققانمىدىڭىز؟ ئەتراپىڭىزدىكى قانچىلىغان كىشىلەر دەل مۇشۇ «مىزان» بويىچە نەچچە 10 يىلنى ئۆتكۈزگەندۇ؟ 

بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن ئادەملەر گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا تاماكىدىن قولىنى ئۈزەلمەيۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تاماكا بولسا مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدىغان زۆرۈر بۇيۇم. گەرچە ئاز ساندىكى پېشقەدەم تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ سالامەتلىكى يەنىلا ساغلام بولسىمۇ، بىراق تاماكا چېكىشنىڭ نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەقىقەتەن مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت بار، مەسىلەن، ئۆپكە راكى، سۈت بېزى راكى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە دىيابېت كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى تاماكا چەككۈچىلەر توپى ئارىسىدا بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. 

30 يىل تاماكا چەككۈچىنىڭ ئۆپكىسى 


دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى(WHO)ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك راك كېسىلى تەتقىقات مەركىزى(National Cancer Institute)نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر يىلى تاماكا چېكىش ۋە ئۇنىڭ پەيدا قىلىدىغان ئەكس تەسىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيىنى بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر يىلى تەخمىنەن 6 مىليون ئادەم تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەل بىلەن قازا قىلىدىكەن، 2030-يىلىغا بارغاندا قازا قىلىدىغانلارنىڭ سانى يەنە %30 كۆپىيىدىكەن. 

كىچىككىنە بىر تال ئورالغان تاماكىنىڭ تەركىبىدە 7000 خىلدىن كۆپ خىمىيەلىك ماددا بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە 250 خىل زىيانلىق ماددا بار، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ سانى بولسا 70 خىلغا يېقىنلىشىدۇ، ئۇنداقتا بۇلارنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟ 


1. تاماكا چېكىش ئاسانلا ئۆپكە راكى پەيدا قىلىدۇ 

تاماكا چېكىش تىلغا ئېلىنغاندا كىشىلەر تۇنجى ئويلايدىغىنى بولسا ئۆپكە راكى بولۇشى مۇمكىن. تاماكا كۆيۈش جەريانىدا 4 مىڭ خىلدىن ئارتۇق خىمىيەلىك ماددا پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بار، مەسىلەن، كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون ۋە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا نىتروزامىننى ئاساس قىلغان كۆپ خىل فېنول تۈرىدىكى راكنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ماددىلار بار. بۇنىڭدىن باشقا تاماكا يەنە ئاستا-ئاستا ئۆپكىنىڭ تەبىئىي مۇداپىئە سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. ئۆپكە ھاۋا يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تۈكچىلەر بار بولۇپ، بۇ تۈكچىلەر زەھەرلىك ماددىلارنى، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇس قاتارلىقلارنى توسۇش ئارقىلىق ئۆپكىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق تاماكا ئىسى ئۇلارنىڭ نورمال «خىزمىتى» گە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار تېخىمۇ ئاسانلا ئۆپكىگە يىغىلىپ قېلىپ ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تاماكا چېكىش مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا، تاماكا ئىسى ئۆپكىدىكى كانايچىلارغا قانچە چوڭقۇر يېتىپ بارالىسا ئۆپكە راكى پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە خەتىرىمۇ مۇناسىپ ھالدا چوڭ بولىدۇ. تاماكا چېكىش تارىخى 20 يىلدىن ئاشقانلار، 20 ياشقا توشماي تۇرۇپلا تاماكا چېكىشكە باشلىغانلار، ھەر كۈنى 20 تالدىن ئارتۇق تاماكا چېكىدىغانلار، يۇقىرىقى شەرتتىن پەقەت بىرنىلا قانائەتلەندۈرگەنلەر ئۆپكە راكىغا ئاسان گىرىپتار بولىدىغان كىشىلەر توپىغا تەۋە. 


2. تاماكا چېكىش ئاسانلا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ

تاماكا تەركىبىدە كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان نىكوتىندىن باشقا يەنە كاربون چالا ئوكسىدى بار، نىكوتىن ۋە باشقا زەھەرلىك ماددىلار قان بىلەن بىرلەشكەندە قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. ھالبۇكى، قان تەركىبىدىكى بۇ زىيانلىق ماددىلارنى ئۈنۈملۈك تازىلاپ بولغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن بۇ ماددىلار ئاسانلا قان تومۇر دىۋارىغا چۆكۈپ، شۇ ئارقىلىق ئارتېرىيە تارىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئەسلىدە سىلىق ھەم تۈز بولغان قان تومۇر دىۋارىنىڭ ھەممىلا يېرىنى «تاتۇق» قاپلاپ كېتىدۇ. قاندىكى ماي ۋە قان پىلاستىنكىلىرى زىيانغا ئۇچراپ دۇغ ھاسىل بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

3. تاماكا چېكىش ئاسانلا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ 

جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە توسۇلۇش كېسىلى ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولىدىغان 3-چوڭ قاتىل بولۇپ قالدى.

تاماكا چېكىشنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئېلىمىزدا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە توسۇلۇش كېسىلى ئەۋج ئېلىشتىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىشىچە، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە توسۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئەر بىمارلار ئىچىدە، تاماكا چېكىدىغانلار %80ىنى ئىگىلەيدىكەن. تاماكا چېكىش مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، تاماكا چېكىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، تاماكا ئىسىنى قانچە چوڭقۇر (كۈچەپ) سۈمۈرسە، تاماكا چېكىشنى باشلىغان ۋاقتى قانچە بالدۇر بولسا، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە توسۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدىكەن. 

دائىملىق تاماكا چەككۈچىلەر ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزاق مۇددەتلىك يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئانچە ئېرەن قىلمايدۇ. بىراق تاماكا چېكىدىغانلار بۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئالاھىدە دېققەت قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ 40 ياشتىن يۇقىرى تاماكا چەككۈچىلەر دائىم يۆتىلىش، ھاسىراش، دەم سىقىش ئالامەتلىرىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك، بەلكىم بۇ ئاددىي ئالامەتلەر سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە توسۇلۇش كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بولۇشى مۇمكىن. 

4. تاماكا چېكىش ئاسانلا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ 

تاماكا چېكىش ساغلام تۈك خالتىسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، باش قىسىمدىكى ھورمۇن ۋە قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى 20 تالدىن ئارتۇق تاماكا چەككەنلەرنىڭ ئوتتۇرھال ياكى ئېغىر دەرىجىدە چاچ چۈشۈش ئەھۋالى بىرقەدەر روشەن بولىدىكەن.

قان سۇيۇقلۇقى ئادەم بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى توشۇش ئىشچىسى دەپ قارىلىدۇ. ھەربىر تۈك خالتىسىنىڭ ئەڭ ئاستىدا بىر ئويمان بار. باش قىسىمدىكى قىل قان تومۇرلار دەل مۇشۇ ئورۇنغىچە يېتىپ كېلىپ چاچنى «نەپەسلەندۈرۈپ»، تۈك خالتىسى ۋە تۈك ئۆسۈشىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككۈچىلەردە باش تېرىسىدىكى قىل قان تومۇرلار توسۇلۇش كېلىپ چىقىپ، تۈك خالتىسىغا ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋە ئوكسىگېن يەتكۈزۈش ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، ئاخىرىدا «چاچ» تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. 

5. تاماكا چېكىش ھەزىم قىلىش يوللىرىغا زىيانلىق 

تاماكىغا ئوت يېقىلغاندىن كېيىن ھاسىل بولغان گاز جىسىم «دېڭىز ۋە ھاۋا» ئىككى يولغا بۆلۈنۈش ئارقىلىق، ھەزىم قىلىش يوللىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. تاماكا چەككەندە ئاز بىر قىسىم ئىس يۇتقۇنچاق، قىزىلئۆڭگەچ ئارقىلىق ئاشقازان ئۈچەيگە كىرىدۇ، بۇنى «ھاۋا يولى» دەپ قاراشقا بولىدۇ، بۇ ئىس بىۋاسىتە ۋە ئۈچەي شىلىمشىق پەردىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. نەپەس يولىغا كىرگەن تاماكا ئىسى نەپەس يولى شىللىق پەردىسى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى زىيانلىق تەركىبلەر بىراق سۈمۈرۈلۈپ قانغا كىرىپ يىراقلارغا توشۇلىدۇ، بۇنى «سۇ يولى» دېيىشكە بولىدۇ. ھەزىم قىلىش يولىدىكى زىيان ئىچىدە، يۇقىرىقى ھەزىم قىلىش يولى ئەڭ ئېغىر ئاپەت رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

تاماكا چېكىش ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، يەنى ئادەتتە تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن %91.5 يۇقىرى بولىدۇ، ناترىي بىكاربونات يۈرەك مۇسكۇللىرىنى تورمۇزلاپ ئاشقازان ئاستى بېزى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئون ئىككى بارماق ئۈچەينىڭ كىسلاتا يۈكى ئېشىپ كېتىپ يارا پەيدا قىلىدۇ. تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى پۈرمە مۇسكۇللىرىنىڭ كېرىلىش كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەتۈر ئېقىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ مۇداپىئە ئىـقـتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغ ۋە يارا پەيدا بولىدۇ، ھەم ئەسلىدىكى يارىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تاماكا چېكىش قىزىلئۆڭگەچ ئاستىنقى پۈرمىسىنىڭ كېرىلىش كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، تەتۈر ئېقىم خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 


 (داۋامى بار)


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号