باش بەت

Ely09

1197يوللانما
23مەستانە

ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى 23-ئايلانما: ئارسېنال 2:1 ۋاتفورد

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-01 13:26 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر سائەت 1:45دە، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى 23-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، ئارسېنال ساھىبخان مەيداندا ۋاتفورد كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 9-مىنۇتتا، ۋاتفورد كوماندىسىدىن كابول تەپكەن ئىختىيارىي توپ رامسېيغا تېگىپ قاپقىغا كىرىپ كەتتى. 12-مىنۇتتا، ۋاتفورد كوماندىسىدىن كاپوئې ئوتتۇرا مەيداندىن توپ تارتىۋېلىپ، ئارسېنال چەكلەنگەن رايونىغا بۆسۈپ كىرىپ قاپقىغا ئۇردى، ئارسېنال قاپقچىسى چېخ توسۇۋالغان توپ قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسى دېنېينىڭ پۇتىغا چۈشۈپ قالدى، دېنېي بۇ توپنى كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. 49-مىنۇتتا، ئارسېنال كوماندىسىدىن ۋالكوت يەكمۇ-يەك توپ ئۇرۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى. 57-مىنۇتتا، سانچېز ئوڭ يولدىن چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ ئىۋوبىغا پاسلىدى، ئىۋوبى ئەپچىللىك بىلەن بۇ توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى. 84-مىنۇتتا، ئارسېنال ھۇجۇمچىسى لۇكاس پېرېز تەپكەن توپ قاپقا توغرا لىمىغا تېگىپ يېنىپ چىقتى. ئاخىرىدا ئارسېنال كوماندىسى خەلىپە مەيدانىدا 2:1 نەتىجىدە ۋاتفورد كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号