باش بەت

azmat

556يوللانما
2مەستانە

دائىملىق تاماكا چەككۈچىلەر قانداق قىلىپ بەدىنىدىكى زەھەرنى تازىلىشى كېرەك (2)

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-01 18:42 0 ئىنكاس چۈشتى


 

سودا ساھەسىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاماكا چېكىش ئۇلارنىڭ مېھماندارچىلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان، بىراق ئۇزاق مۇددەت تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان خەۋپى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. شۇڭلاشقا، تاماكا چېكىدىغانلارغا نىسبەتەن بەزى توغرا بولغان كۈتۈنۈش ئۇسۇلى تاماكىنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى تۆۋەنلىتەلىشى مۇمكىن، تۆۋەندە كۆپچىلىككە كونكرېت تونۇشتۇرىمىز. 

1. ۋىتامىن تولۇقلاش  

تاماكا ئىسى تەركىبىدىكى كوكس مېيى، بېنزو پىرېن قاتارلىق ماددىلار ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن زىيانلىق. ۋىتامىن B 2 ئۇنى پارچىلاپ، ئاندىن تالا ماددىسىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىيالايدۇ. ۋىتامىن C تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن بىلەن ئۈنۈملۈك قارشىلىشالايدۇ، ھۈجەيرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ۋىتامىن B 12 ئوكسىگېن يەتكۈزۈش توسقۇنلۇقىنى ئۈنۈملۈك بىكار قىلىشتا ئادەم بەدىنى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان تەركىب. 

تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لىمون، ئاپېلسىن، چىلان، شوخلا، يېسسىۋېلەك، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، ئۆسۈملۈك يېغى، سۈت، تۇخۇم، بېلىق قاتارلىقلار، ئۇلار تاماكا چېكىشتىن بولغان ۋىتامىن كەمچىللىكىنى تولۇقلايدۇ، يەنە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. 

2. تەركىبىدە سېلېن مىقدارى كۆپ بولغان ياكى خولېستېروننىڭ شەكىللىنىشىنى تىزگىنلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش   

تاماكا ئىسى قاندىكى خولېستېرون ۋە ياغنىڭ چۆكمە ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋېتىدىغان بولغاچقا، مېڭىنى قان تەمىنلەشنى ئازايتىپ، مېڭە يىگلەش پەيدا قىلىپ چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشنى تېزلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تاماكا چەككۈچىلەر تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى مول بولغان سېمىز گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى، ياغلىق يېمەكلىك ئازراق يېيىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خولېستېروننىڭ شەكىللىنىشىنى تىزگىنلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىش كېرەك، مەسىلەن: سۈت، بېلىق، پۇرچاق ياسالمىلىرى ۋە بەزى يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى، يەنى مۇچ ئۇۋىقى، دارچىن ۋە مېۋە، كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. 

بۇنىڭدىن سىرت، دائىم تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئاسانلا قاندىكى سېلېن ئېلېمېنت تەركىبى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، سېلىن بولسا راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راكقا قارشى تۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مىكرو ئېلېمېنتتۇر. شۇڭا تاماكا چەككۈچىلەر دائىم تەركىبىدە سېلىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىشى لازىم. مەسىلەن: ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى، دېڭىز يۈسۈنى ۋە راك تۈرىدىكىلەر. 

3. چاينى كۆپ ئىچىش كېرەك

تاماكا چېكىش ئېغىزدا غەيرىي پۇراق پەيدا قىلىپلا قالماستىن يەنە، تاماكا چەككەندە پەيدا بولغان ئىس-تۈتەك تەركىبىدىكى بەزى بىرىكمىلەر ئارتېرىيە ئىچكى پەردىسىنىڭ قېلىنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تۆۋەنلەش كېسىلى ۋە قان شېكىرى يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى مىكرو ماددىلار خولېستېرىننىڭ قان تومۇر دىۋارىغا ئولتۇرۇشۇۋېلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىمە ھەرىكىتىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە قان شېكىرى، سۈيدۈك شېكىرى قاتارلىقلارنى تۆۋەنلىتىدۇ. 

 

4. ھەرىكەت مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەك 

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا تاشلىغۇچىلارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى، داۋاملىق تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ نىسبىتىدىن 10، 11 ھەسسە تۆۋەن بولىدىكەن، تاماكا تاشلىغان ھەمدە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان كىشىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار خەۋپ-خەتىرى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن. ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئەڭ تۆۋەن بولغانلار بولسا ھەپتىدە تۆت قېتىمدىن ئارتۇق چېنىقىدىغان، تاماكا چەكمەيدىغانلار ئىكەن. بەدەن چېنىقتۇرۇش تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بەرسىمۇ، لېكىن تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كېسەلدىن يىراق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ئەڭ تۈپكى بىخەتەر ئۇسۇل بولسا يەنىلا تاماكا تاشلاش. 

  (داۋامى بار

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号