باش بەت

ئەلى

1883يوللانما
4مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئامبىرىغا نەزەر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-02-01 19:30 0 ئىنكاس چۈشتى


بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نيۇ يوركتىكى ۋال كوچىسىغا ئانچە يىراق بولمىغان بىر جايدا چوڭ گىرانت تاشلاردىن قۇرۇلغان 14 قەۋەتلىك بىر بىنا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ دەل نيۇيورك فېدېراتسىيە زاپاس بانكىسىنىڭ باش شتابى. ئۇنىڭ ئاستىدىكى 20 مېتىر چوڭقۇرلۇققا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئامبىرى جايلاشقان. 

ئالتۇن ئىسكىلاتىنىڭ بىردىنبىر كىرىش ئېغىزى بولسا 90 توننىلىق پولات قۇرۇلما.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئالتۇن ئىسكىلاتىغا تەخمىنەن 300 مىليون ئونسىيە(تەخمىنەن 8505 توننا)دىن ئارتۇق ئالتۇن ساقلانغان بولۇپ، بۇ پۈتۈن دۇنيا ئالتۇن زاپىسىنىڭ %25-%30گىچە ئىگىلەيدىكەن. بىراق بۇ ئالتۇنلارنىڭ پەقەت %5لا ئامېرىكىغا تەۋە بولۇپ، قېپقالغىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت بانكىلىرىنىڭ بۇ يەردە ساقلاشقا بېرىلگەن ئالتۇنلىرى ئىكەن.

پۈتۈن ئالتۇن ئامبىرى پۇتبول مەيدانىنىڭ يېرىمىچىلىك چوڭلۇقتا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپى پۈتۈنلەي مۇستەھكەم گىرانت تاشلار بىلەن قورشالغان. بۇ ئامبار جەمئىي 122 ئالتۇن ئىسكىلاتىغا بۆلۈنگەن.

ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئىسكىلاتىغا 107 مىڭ پارچە كېسەك ئالتۇن قويغىلى بولىدۇ. بۇ ئالتۇن دۆۋىسىنىڭ ئېگىزلىكى 3 مېتىر، كەڭلىكى 3 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 5 مېتىر كېلىدۇ. بازار قىممىتى تەخمىنەن 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.

ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە ئامبار 28 سېكۇنت ئىچىدىلا تېز سۈرئەتتە تاقىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھاۋا پەقەت بىر ئادەمنىڭ 7-8 سائەت ياشىشىغىلا يېتىدۇ. ئەگەر ئالتۇن يۆتكىمەكچى بولسا چوقۇم ئۈچ كىشىلىك بىر گۇرۇپپىنىڭ نازارەت قىلىشى ئاستىدا يۆتكەيدۇ. بۇ ئۈچ كىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بوغالتىر، باشقۇرغۇچى ۋە قوغدىغۇچى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ. ھەر بىر ئىسكىلاتنىڭ 3 دانە قۇلۇپى بار بولۇپ، بۇ 3 قۇلۇپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا يۇقارقى ئۈچ كىشى تەرىپىدىن ئېچىلىدۇ.

كېسەك ئالتۇنلار

ئالتۇن ئۆلچىمەكتە

كېسەك ئالتۇنلار

ئالتۇن ئامبىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号