باش بەت

azmat

559يوللانما
2مەستانە

تاماكا تاشلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى (3)

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-01 22:37 0 ئىنكاس چۈشتى

تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ھەممەيلەنگە مەلۇم، تاماكا تاشلىماقچى بولغان نۇرغۇن كىشىلەر بىرەر ھەپتە تاشلاپلا مەغلۇپ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە تاماكا خۇمارى زەھەر خۇمارىدەك كۈچلۈك ئەمەس، شۇڭا تاماكا تاشلاش ناھايىتى ئاسان. تۆۋەندە كۆپچىلىككە بىر قانچە خىل تاماكا تاشلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

  

1. دورا بىلەن داۋالاش 

ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەجبۇرى ئۇسۇلدا تاماكا تاشلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %3 دىن %5 گىچە بولىدىكەن. دورا بىلەن تاماكا تاشلىغۇچىلارنىڭ ئۈچ ئاي ئىچىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى %50، بىر يىل ئىچىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى %35 گە يېتىدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى، تاماكا چەككۈچىلەر تاماكا تاشلىتىش ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، ئالدى بىلەن سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تاماكا چېكىشنىڭ تەسىر دەرىجىسىنى باھالاش دوكلاتى تۈزۈپ چىقىش كېرەك، ئاندىن بىر پارچە «تاماكا تاشلاش ئارخىپى» تۇرغۇزۇش كېرەك، ھەمدە تاماكا تاشلىغۇچىلارنىڭ تاماكا چېكىش ئەھۋالىغا ئاساسەن دورا بىلەن داۋالاش بىلەن پىسخىكىلىق داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ تاماكا تاشلاش مەقسىدىگە يېتىش كېرەك. 

 

2. نىكوتىنلىق داۋالاش ئۇسۇلى 

ئادەتتىكى داۋالاش ئۇسۇلى بىلەنلا تاماكا تاشلاشمۇ ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ، نىكوتىنلىق داۋالاش ئۇسۇلى ياكى نىكوتىنسىز دورىلار بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ تاماكا تاشلاشتىكى ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى. نىكوتىنلىق داۋالاش ئۇسۇلى دېگىنىمىز، تەركىبىدە ئاز مىقداردا نىكوتىن بار بولغان بۇيۇملار، مەسىلەن، سېغىز كەمپۈت، بۇرۇنغا پۈركۈلىدىغان دورا ياكى تېرە ئۈستىدىن چاپلاپ قويۇلىدىغان مەلھەم دورا قاتارلىقلار تاماكا تاشلىغۇچىلارنىڭ تاماكا تاشلاش جەريانىدىكى ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى يېنىكلىتەلەيدۇ. 

3. مىقدارىنى ئازايتىش ئارقىلىق تاماكا تاشلاش ئۇسۇلى 

تاماكا تاشلاۋاتقان مەزگىلىدە، مەخسۇس تاماكا چېكىش ئۆيى ياكى ھاراق-تاماكا ساتىدىغان جايلارغا بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، شۇنداقلا تاماكا چېكىشنى ئەسلىتىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تاماكا چېكىشنى خىيال قىلماسلىق، خۇمارى تۇتۇپ چىدىيالمىغان چاغدا بىر تال تاماكىنى چىقىرىپ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش، تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇرۇش ۋاقتىنى ئامال بار كېچىكتۈرۈش كېرەك. بۇنداق ئۇسۇل بىلەن ھەر كۈنى نەچچە تال تاماكىنى ئازلاتقىلى بولىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تاماكا تاشلاش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ. 

4. دىققەتنى بۇراش  

تاماكا تاشلاپ باققان نۇرغۇن كىشىلەرگە مەلۇمكى، تاماكا تاشلاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى ناھايىتى ئازابلىق، شۇڭا تاماكا تاشلاش ئۈچۈن ئازابقا بەرداشلىق بېرىش لازىم. تاماكا خۇمارى تۇتۇپ كەتكەندە دىققەتنى يۆتكەش كېرەك، مەسىلەن، خۇمارى بەك تۇتۇپ كەتكەندە، خىزمەتكە بېرىلىش ياكى سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىش كېرەك، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مەيلى نېمىلا ئىش قىلسۇن تاماكا چېكىش خىيالىدىن يىراق تۇرۇش لازىم. 

5. ئائىلىدە داۋالاش  

تاماكا تاشلاش ئائىلىدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا موھتاج. ئايالى ۋە بالىلار بىرلىشىپ تاماكا تاشلاشنى نازارەت قىلىش ھەيئىتى قورۇپ چىقسا بولىدۇ، تاماكا تاشلىغۇچى تاماكا چەكمەكچى بولغاندا، ئايالى بىلەن بالىلار ئۆز ۋاقتىدا توسۇش كېرەك، ئايالى يەنە تېجەپ قالغان تاماكا پۇلغا ئەھمىيەتلىك سوۋغات سېتىۋېلىپ تاماكا تاشلىغۇچىغا سوۋغا قىلىپ، تاماكا تاشلاشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号