باش بەت

arken_1228

281يوللانما
1مەستانە

ھاراق ئىچىپ قازا قىلغان ئەرنىڭ ئائىلىدىكىلىرى بىللە ھاراق ئىچكەن ئەردىن 690 مىڭ يۈەن تۆلەپ تەلەپ قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-01 19:46 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ سەھەر گېزىتى خەۋىرى، گو X نىڭ ئائىلىدىكىلىرى گو X نى جىن X بىلەن ھاراق ئىچىپ كېسىلى قوزغالغانلىقتىن قازا قىلغان ھەمدە جىن X نى ئۇنى قۇتقۇزۇۋالمىغان دەپ قاراپ، جىن X نى سوتقا ئەرز قىلىپ، جەمئىي 690 نەچچە مىڭ يۈەندىن كۆپرەك تۆلەم تەلەپ قىلغان. بىراق جىن X ئۆزىنىڭ گو X بىلەن ھاراق ئىچكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. دەلىل-ئىسپات يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، يېقىندا، شۈنيى سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا ئەرزنى قايتۇرۇۋەتكەن.

دەۋاگەرنىڭ ئېيتىشىچە، 2015-يىلى 2-ئايدا، گو X بىلەن جىن X گو X ئىجارە ئالغان ئۆيدە ھاراق ئىچكەن. ھاراق ئىچىش جەريانىدا، جىن X گو X نى مەست قىلىپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن گو X نىڭ كېسىلى قوزغالغان. بىراق جىن X گو X نى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇۋالماقتا يوق، ئەكسىچە گو X نىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن. گو X نىڭ قىزى ئۇنى بايقىغاندا گو X ئاللىبۇرۇن قازا قىلغان ھەمدە باھالاش ئارقىلىق، گو X نىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئېنىقلانغان.

دەۋاگەرنىڭ قارىشىچە، جىن X گو X نىڭ مەسىت بولۇپ كېسىلى قوزغىلىپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، گو X بىلەن كارى بولماي، گو X نى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋالمىغانلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن جىن X گو X نىڭ ئۆلۈمىدە خاتالىق سادىر قىلغانلىقتىن، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قاراپ، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، جىن X نىڭ %40 نىسبەت بويىچە تۆلەم دەۋاگەرنىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلى، دەپنە پۇلى ۋە روھىي زىيان تەسەللىي پۇلى بولۇپ، جەمئىي 690 نەچچە مىڭ يۈەننى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.

سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىپ قاراپ چىقىشىچە، دەۋاگەر ج خ ئورگانلىرىنىڭ گو X نىڭ غەيرىي شەكىلدە ئۆلۈپ كەتكەنلىك دېلوسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، گو X نىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك سەۋەبى بىلەن ۋاقتىنى جەزىملەشتۈرەلمىگەنلىكتىن، جەسەتنى يېرىپ تەكشۈرۈشتىن ۋاز كەچكەن. ھازىر پەقەت جەسەتنىڭ سىرتىنى تەكشۈرۈش بىلەنلا دەۋاگەرنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن گو X نىڭ ھاراق ئىچىش جەريانىدا تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قازا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمىغان.

بۇلارغا ئاساسەن، سوت مەھكىمىسى دەۋاگەر تەشەببۇس قىلغان جىن X نىڭ گو X نىڭ ئۆلۈمىدە خاتالىق سادىر قىلغانلىقتىن، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دېگەندىكى دەلىل-ئسىپاتلار تولۇق بولمىغانلىقتىن، ئەڭ ئاخىردا دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلەپلىرىنى قايتۇرىۋەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号