باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10318يوللانما
780مەستانە

ئامېرىكىدا مەخسۇس «بايۋەچچىلەر»گە ئاتاپ سېلىنغان كۇلۇب بارلىققا كەلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-02-02 15:16 0 ئىنكاس چۈشتى

«بۈگۈنكى خەۋەلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدا ئالاھىدە كۇلۇب بولۇپ، بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، پەقەت سىز بۇ كۇلۇبنىڭ ئەزاسى بولسىڭىزلا، بۇ يەرگە كېلىپ ئۆزىڭىز چېقىشنى خالىغان ھەرقانداق نەرسىنى خالىغانچە ئۇرۇپ چاقالايسىز.

ئەمەلىيەتتە، بۇ كۇلۇب كىشىلەرنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىدىغان سورۇن بولۇپ، ئاساسلىقى پۇلدار «بايۋەچچە» ياكى مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلارغا ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بېسىمى ئېغىر بولۇپ يەنە كېلىپ، ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى ياكى بېسىمىنى يېنىكلىتىدىغان مۇۋاپىق سورۇن ھازىرلانمىغان.

بۇ كۇلۇب مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، كىشىلەرگە بۇنىڭ زوراۋانلىق ئەمەسلىكىنى، پەقەت سەنئەتنى نابۇت قىلىش ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم پۇلىڭىز بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرماقچى بولغان.

ئىگەللىنىشچە، بۇ كۇلۇبتىكى ئاياللار تەخمىنەن %40نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن پۇلدارلار قاتلىمىدىكى ئاياللار بېسىمىنىڭمۇ ئەرلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

كۇلۇبتىكى ئەزالار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە فارفۇر بۇيۇم، تېلېۋىزور، پيانىنو ۋە باشقا تۈردىكى قىممەت باھالىق بۇيۇملارمۇ بار.

بۇ كۇلۇب چېقىلدىغان نەرسىلەرنى تەييارلاپلا قالماي يەنە، بولقا، پىچاق، كالتەك توپ، گولف توپ كالتىكى قاتارلىق ھەر خىل قوراللارنىمۇ تەييارلىغان بولۇپ، ئىشقىلىپ، خېرىدارلارنىڭ ھەرخىل ئېيھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ئەگەر بۇ جايدا سىزنىڭ چاققۇڭىز بار نەرسىلەر بولمىسا، سىز پەقەت ئالدىنئالا ئەسكەرتىپ قويسىڭىزلا، كۇلۇب سىز ئۈچۈن ھەممىنى تەل قىلىپ بېرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号