باش بەت

يۈسۈپ ھۇشۇر

188يوللانما
13مەستانە

44 ياشلىق ئەر 60 ياشتىن ئاشقان ئاشىقىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-04 19:13 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگولۇقلاردا ئەرلەر سىرتتا پۇل تېپىپ ئاياللار ئۆينىڭ ئىشىنى قىلىدۇ دېگەن گەپ بار، لېكىن زىگۇڭ شەھىرىدىكى ليۇ بوۋاي بۇ قائىدىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتكەن. لى بوۋاي كۈندە دېگۈدەك چاي ئىچكەچ شاھمات ئويناپ، ھېچ ئىش قىلمايدىكەن، لېكىن ئۇنىڭ خوتۇنى  ۋېن موماي بولسا ئىقتىدارلىق ئايال بولۇپ، سودا قىلىپ دۇكان ئېچىپ، ئۆينى ئوبدان قامدايدىكەن.

2015-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ليۇ بوۋاي ئايالىنىڭ  بىر كېچە ئۆيگە يېنىپ كەلمەي، ئويلىمىغان يەردىن مەلۇم ئىجارە ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ھالبۇكى ۋېن موماينىڭ ئۆلۈمدە دەرۋەقە  ئېغىز ئېچىش تەس بولغان مەخپىيەتلىك بارىكەن...

پۇلدار موماينىڭ ئىجارە ئۆيىدە ئۆلۈپ قېلىشى

ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان بولسا زاۋۇت ئولتۇراق رايوننىڭ قېشىدىكى تاشيولغا يېقىن كونا بىنانىڭ 4- قەۋىتىدە بولۇپ، موماينىڭ جيەن قىزى ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ئۇنىڭ ساقچىغا دېيىشىچە دېلو يۈز بەرگەن كۈننىڭ ئەتىگىنى ئۇ ئىجارە ئۆيگە كەلگەن بولۇپ، شۇ چاغدا  موماينىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى، ئۆينىڭ ھەممە يېرىنىڭ قانغا بويۇشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. دەسلەپكى قەدەمدە جەسەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى زىليۇجىڭ رايونلۇق شۆبىسىنىڭ ساقچىسى ۋېن موماي ئۆلۈشتىن بۇرۇن بىرسىنىڭ ئۇنىڭ بېشىغا قاتتىق ئۇرۇپ گېلىنى سىققانلىقىنى بايقىغان، ئۆيدە بايقالغان قان بىلەن بويۇلۇپ كەتكەن كۈلدان دەل قاتىللىق قورالى ئىكەن. نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ساقچى تەرەپ مەن موماينىڭ ئۆلۈمىنى چۆرىدەپ بىر مەيدان كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ بارغان.

يېقىن ئۆتىدىغان قوشنىلىرى ۋېن موماينىڭ ھەقىقەتەن پۇلى بار، ئىقتىدارلىق، يېشى بىر يەرگە بارسىمۇ بىكار يۈرمەي تۈرلۈك ماللار دۇكىنى ئاچىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلار بىرىنچى بولۇپ مۇنداق ئويلىغان: قاتىل چوقۇم پۇل ئۈچۈن قىلدى.

بىرسى موماينىڭ پېيىغا چۈشۈپ، ئۇنى بۇلىماقچى بولغانلىقىدەك بۇ ئېھتىماللىقمۇ يوق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەق مەيداندىكى ھەرخىل ئىزنالار بۇ موماينىڭ بىر بۇلاڭچىغا ئۇچراپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. موماينىڭ تېلېفونى، پورتمانىدىكى پۇلى قاتارلىق نەرسىلەر ھەممىسى يوقالغان.

لېكىن بۇلاڭچىلىقنىڭ تەپەككۇرى بويىچە تەھلىل قىلىپ، دېلو بېجىرگۈچى ساقچى دېلودا گۇمانلىق نۇقتىلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى بايقىغان. ۋېن موماينى ئىجارە ئۆيدە بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىدى دېيىلسە، موماينىڭ قىزىق قان مىجەزى بىلەن ھېچبولمىغاندا بۇلاڭچى بىلەن ئانچە مۇنچە تاتىلىشىپ ۋە تىركىشىپ قېلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن نەق مەيداندىن ھېچقانداق مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىزنالار كۆرۈلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتراپىدىكى قوشنىلارمۇ ۋېن موماينىڭ ھېچقانداق توۋلىغان ئاۋازنى ئاڭلىمىغان.

قاتىل كۈلدان بىلەن مەن موماينىڭ بېشىغا نەچچە قېتىم قاتتىق ئۇرۇپ، ئاندىن بوينىنى سىققان، ساقچى تەھلىل قېلىشىچە، شۇ چاغدا بۇلاڭچى ناھايىتى ئاچچىقلانغان، بۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادەتتىكى ئوغرى ۋە بۇلاڭچىلار بىلەن پەقەت ئوخشىمايدىكەن.

ساقچى يەنە قاتىلنىڭ نەق مەيدانغا خاتىرجەم ھالدا كىرىپ، ئىشنى پاكىز پۈتتۈرۈپ، ھېچقانداق بارماق ئىزى ،DNA قاتارلىق گۇمانلىق ئىزنالارنى قالدۇرمىغانلىقىنى، ئىشنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ساختا نەق مەيدان ياساپ قويغانلىقىنى ھېس قىلغان. بۇ ئۇنىڭ ئىنتايىن مول بولغان تەكشۈرۈشكە قارشى  تەجرىبگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. ئەگەر بۇ ئىشنى تونۇش ئادەم قىلغان بولسا، بۇ كىشى ئادەتتىكى كىشى ئەمەس ئىكەن، ۋېن موماينىڭ دوستلىرى ئىچىدە مۇشۇنداق كىشى بارمىدۇ؟

موماينىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىسىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ تەكشۈرگەندە، ساقچىلار مۇنداق تەپسىلاتلارغا ناھايىتى قاتتىق بولغان، يەنى ۋېن موماي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جاي بولسا ئۇنىڭ ئەسلى ئۆيى بولماستىن، ئەكسىچە ئىجارە ئالغان ئۆيى. يولدىشى ليۇ بوۋاينىڭ ساقچىغا دېيىشىچە، بۇ ئايالى بىلەن چېقىپ كۆچۈرىدىغان ئۆيى ۋە ئىجارە ئالغان ئۆيدە ئوخشاشلا تۇرىدىغان بولۇپ، ئايالنىڭ جەسىتىنى بايقىغان كۈنى كەچتە ئۇ ئىجارە ئۆيگە بېرىپ باققان، ئايالى ساق سالامەت، ھەممە ئىشلار جايىدا ئىكەنتۇق.

بوۋاينىڭ بۇ گەپلىرى ساقچىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، قانۇن دوختۇرنىڭ مۆلچەردىن قارىغاندا ليۇ بوۋاي ئىجارە ئۆيگە تۇنجى ئاخشىمى بارغان چېغىدا موماي ئاللىبۇرۇن تىنىقىدىن قالغان، ليۇ بوۋاي نېمىشقا ئادەم تېخى ھايات دەيدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىنچى كۈنى ئەتىگىنى ليۇ بوۋاي ئىجارىگە بارغان چاغدا ئاندىن موماينىڭ ئۆلۈكىنى بايقىغان. لېكىن ئۇ ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلماي، موماينىڭ جىڭ قىزغا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئېيتقان.

ئەجەبا مۇشۇنداق ئېجىل ئىناق ئۆتىدىغان ئەر ئايال ئوتتۇرىسىدا قانداقتۇر مەخپىيەتلىك بارمىدۇ؟ بوۋاينىڭ بۇنداق غەيرى قىلمىشى زادى بىرەر نەرسىنى يۇشۇرىۋاتامدۇ قانداق؟

مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى قەدىناسلار

ساقچىلار تەكشۈرۈپ 60 ياشتىن ئاشقان بۇ ئىككى  قەدىناسلارنىڭ ئارىسىدا بىنورمال ئىشلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى بايقىغان. كۆپچىلىك ئىككىيلەننىڭ كۆرۈنۈشتە ياخشى ئۆتكىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇنچىلىك ئېنىق ئەمەسلىكىنى ھېچ قىلىپ يەتكەن.

ساقچىلار قەدىناسلارنىڭ كۆچۈرۈلمەكچى بولغان ئۆيىدىن شۇنى بايقىدىكى، بۇ ئۆي ئىناق ئەر خوتۇننىڭ ئۆيىدەك ئەمەسكەن، ئەكسىچە بويتاقلارنىڭ ياتىقىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۆينىڭ ئىچىدە موماي ئىشلىتىپ باققان ھېچقانداق بويۇملار، كىيىم كېچەكلەر يوقكەن، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بوۋاي مومايلار ئەسلىدىلا بىرگە تۇرمىغانىكەن.

بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ سىرتتا ئۇنچىلىك ئىناق ئېجىل ئۆتكەن بىلەن ئەمەلىيەتتە مۇناسىۋىتى ناھايىتى يامان بولۇپ، نامدا بار ئەمەلدە يوق ئەر خوتۇنلار ئىكەن. موماي ناھايىتى ئىشچان ئىقتىدارلىق بولغاچقا ئۆينى گۈلدەك باققان، ليۇ بوۋاي ئەتىدىن كەچكىچە ئويۇن تاماشا بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ، خەجلەيدىغان سۈپەت پۇللىرىنى موماي قەرەللىك يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن، ئەر كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر ئۇۋالچىلىق ئەمەسمۇ؟ موماي ئۆلۈپ كەتسە ئەڭ چوڭ پايدىغا ئېرىشىدىغىنى دەل ليۇ بوۋاي ئەمەسمۇ؟ تۈرلۈك گۇمانلىق نۇقتىلارنى بىرىكتۈرگەندە ليۇ بوۋاينىڭ دېلو سادىر قىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ ئىكەن.

ساقچىلارلا ئەمەس، موماينىڭ نۇرغۇن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە دوستلىرى ليۇ بوۋاينى قاتىللىقىدىن گۇمانلىنىدىكەن. بوۋاي بۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇيان ئويلىنىپ بۇيان ئويلىنىپ، ئاخىرى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى كېلىپ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ئايالى يوق چاغدا ئۆزىنىڭ نەق مەيدانغا بارمىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن. 

دېلو يۈز بەرگەن تۇنجى كۈنى نەق مەيدانغا بارمىغىنى ئېنىق تۇرۇپ، ليۇ بوۋاي نېمىشقا ئۆزىنى ئىجارە ئۆيگە بېرىپ باققان، ھەمدە رەپىقىسىنى ھايات دەيدۇ؟ 

ئەسلىدە ليۇ بوۋاي كۆرۈنۈشتە رەپىقىسى بىلەن ئىزچىل  ناھايىتى ئېجىل ئىناق ئۆتۈۋاتقان بولۇپ،  موماينىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلمىسە، ئۇرۇق تۇغقان دوست بۇرادەرلىرىگە نېمە دېيەلەيدۇ. مۇشۇ خىل ئوبرازىنى ساقلاش ئۈچۈن ليۇ بوۋاي ساقچىغا يالغان سۆزلىگەن، لېكىن ئۆزىنىڭ يالغان گېپىنىڭ ساقچىلىرىغا قانچىلىك ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئويلاپمۇ يەتمىگەن. ئەمەلىيەتتە موماينىڭ نېمە ئىش قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدىغان بولۇپ، بوۋاي ئۇنى خېلى بۇرۇنلا باشقۇرالماس بولۇپ قالغانىكەن.

قەدىناسلارنىڭ ساختا قىياپىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بۇ دېلونى باشقىچە نۇقتىدىن تەھلىل قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن.

نىقابلانغان گۇماندار ئاشكارىلاندى

موماي ئاللىبۇرۇن نەۋرە كۆرۈپ بولغان بولسىمۇ يەنىلا كىچىك قىزلاردەك كىيىم كىيىشكە، پەرداز قىلىشقا، چېچىنى بۈدۈر قىلىشقا ئامراق خۇيى بار بولۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق قېرى گۈزەلكەن. 60 ياشلىق موماي بوۋاي بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇپ باشقىچە خىيال سۈرىدىغان تۇرسا، بوۋاي ئۈچۈن  پەرداز قىلىپ تارىنىپ يۈرۈيدۇ دېسەك پەقەتلا قاملاشمايدۇ، ئۇنداقتا موماي بۇنى كىم ئۈچۈن قىلىدۇ؟

تۇغقىنىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئىلگىرى ئىككىسى مۇڭداشقان چاغدا موماي ھەقىقەتەن ياش قىزچاقلاردەك ئەركىلەيدىغان بولۇپ، گېپىنىڭ باش ئايىغى يوق، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بېشى قېيىپ كېتىدىكەن. ۋەقەدىن كېيىن ئۇرۇق تۇغقانلىرى  موماينىڭ ئارىلىقتا يەنە قايسى بوۋايلار  بىلەن يېقىن ئۆتكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقان.

ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى زادى مۇشۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ دېلونى پاش قىلىش ئۈچۈن دېلو بېجىرگۈچى ساقچى تېلېكامېرادىكى كۆرۈنۈشنى ئۇزاقراق تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئۇ ھەقىقەتەن ئويلاپ باقمىغان نەتىجىگە ئېرىشكەن. ياش يىگىتتىن بىرسى كۆرۈنۈشتە پەيدا بولغان.

2015 -يىلى 10- ئاينىڭ 21 -كۈنى سائەت 21:07 ئۆتكەندە ئۇچىسىغا قارا چاپان كىيگەن، بېشىغا بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىۋالغان گۇمانلىق ھەر كىشى قازا قىلغۇچىنىڭ دۇكىنى ئالدىغا كەلگەن بولۇپ، قارا رەڭلىك موتوسىكلىت مىنىۋالغان، موتوسىكلىتنىڭ كەينىدە كۈمۈش رەڭ بىر قورال ساندۇقى باركەن. ئەر كىشى دۇكانغا كىرگەندىن كېيىن تەخمىنەن 4 مىنۇتتىن كېيىن دۇكاندىن ئايرىلىپ كەتكەن.

ساقچى موتوسىكلىتنى ئالغان كىشىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئادەم بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئايرىلغان چاغدا موماي دۇكاندىن يۈگۈرۈپ چىققان بولۇپ، تېلېكامېرا كۆرۈنۈشتىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بۇ ئىككىيلەننىڭ زىددىيەتلىشىپ قالغان ۋاقتى بىلەن چۈشتىن كېيىن دېلو سادىر بولغانغا قەدەر ۋاقىت ئارانلا نەچچە سائەت پەرق قىلىدىكەن.

شۇ كۈنى موماي بىلەن دۇكاندا زىددىيەتلىشىپ قالغان ئەر كىشى چېن جىنمىڭ بولۇپ، 44 ياش، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى رېمونت قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ساقچىنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بىزنىڭ ھوشىنى يوقاتقان. ساقچىلار ئېغىز ئېچىپ بولغىچە ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن موماينى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 10- ئاينىڭ 21 -كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن كېيىن، ئۇ موماينى ئۆزىنىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيىدە ئۆلتۈرۈۋەتكەن.  موماينى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يالغاندىن نەق مەيدان ياساپ قويغان. ئادەتتە موتوسىكلىت مىنىدىغان بولغاچقا، داۋاملىق پەلەي كىيىۋالىدىغان بولۇپ، شۇڭا نەق مەيداندا ھېچقانداق بارماق ئىزى قالمىغانكەن. ئۇ ساختا نەق مەيدان ياساپ بولغاندىن كېيىن، موماينىڭ يانفونىنى ئېلىپ كەتكەن، مۇشۇنداق قىلسام ساقچىلار مېنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ دەپ ئويلىغان، ئويلىمىغان يەردىن نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ساقچىلار ئۇنى تۇتۇۋالغان.

قېرى بىلەن ياشنىڭ مۇھەببىتى تىراگېدىيەگە سەۋەبچى بولدى

بۇ يىگىت نېمىشقا  ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؟ يىگىتنىڭ دېيىشىچە، موماي بوۋاي بىلەن ئاجرىشىدىغان بولغان، ئۆزىنىمۇ ئاجرىشىپ كېتىشكە قىستىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى باشقا يەرگە بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرمەكچى بولغانىكەن. بۇ 44 كەشلىك رېمونتچىنىڭ ھەقىقەتەن 60 ياشتىن ئاشقان موماي بىلەن بۇنداق مۇناسىۋەتتە بولۇشى ساقچىلارنىمۇ ھاڭ تاڭ قالدۇرغان.

ۋەقەدىن بۇرۇن رېمونتچىنىڭ ئايالى بۇ ئىشنى بىلمەيدىغان بولۇپ، ئۇ بۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى تەن ئالغاندىن كېيىن، ئايالى قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولغان.

44 ياشلىق ئەرنىڭ 60 ياشلىق موماي بىلەن ئاشنىدارچىلىق  قىلىشى ئۇنىڭ پۇلىنى كۆزلەپمۇ قانداق؟ شۇنىڭ ئۈچۈن ئايالدىن يۈز ئۆرىدىمۇ قانداق؟ رېمونتچىنىڭ ئايالى مۇشۇنىڭغا ناھايىتى ھەيران قالغان.

لېكىن رېمونتچى موماينىڭ پۇلى بولغان بىلەن ئۆزى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى، ئۇنى ئانىسىغا ئوخشىتىپ ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بىلەن كارى بولماي موماينىڭ ئىجارە ئۆيىدە ئۇچرىشىپ يۈرگەن.

بىرسى دۇكاننىڭ خوجايىنى، يەنە بىرسى رېمونتچى. ئىككىيلەننىڭ ياش پەرقى مۇشۇنداق چوڭ تۇرۇپ، سودا مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق باردى كەلدى قىلسا، ھېچكىم ئۇلارنى ئاشۇنداق ئىشنى قىلىدۇ دەپ ئويلىمايدۇ. موماي بىلەن يىگىت «پوزا ئالماشتۇرۇش» نى شەرتلىك بەلگە قىلىۋېلىپ، يېرىم يىلدىن ئاشقىچە ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن. 

رېمونتچىنىڭ دېيىشىچە، دېلودىن بۇرۇن ئۇلار ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى نازۇكلىشىپ كەتكەن. ئىككىيلەن مۇشۇنداق ئۆتۈۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىيلەن ئۆزىنىڭ يولىغا قاراپ ماڭماقچى بولغان بولسىمۇ، ھەر ئىككىيلەن ھېسسىياتنىڭ ئازدۇرۇشىغا تاقابىل تۇرالمىغان. ئىككىيلەن كۆرۈشەي دېسە ئەسلى كۆرۈشمەي دېسە ئەسلى ، شەرتلىك بەلگە بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىككىيلەن بىر بىرىدىن قاقشايدىغان بولۇپ قالغان.

10 -ئاينىڭ 21 -كۈنى ئەتىگەندە، رېمونتچى موتوسىكلىتنى مىنىپ موماينىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىغا يەنە كەلگەن بولۇپ، كىچىك ئىش ئۈچۈن ئىككىيلەن ئۇرۇشۇپ كەتكەن. دەرۋەقە مۇشۇنداق كۆڭۈلسىزلىك بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككىيلەن بالدۇرلا موماينىڭ ئىجارىگە بېرىپ «پوزا ئالماشتۇرماقچى» بولغان، بۇ قېتىم راستتىنلا مۇنچىنىڭ چىرىغىنى ئالماشتۇرماقچى بولغان. شۇڭا چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن ئاشقاندا، موماينىڭ ئىجارە ئۆيگە كەلگەن.

مۇنچىنىڭ چىرىغىنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، موماينىڭ بۇ نەرسىنى ناھايىتى قىممەت ئېلىۋەتكەنلىكىنى دېگەن، لېكىن موماي ئۇنى ناھايىتى سەت گەپ بىلەن تىللىغان. ئۇ ئاچچىقىنى باسالماي ئۇنىڭ بىلەن يېرىم يىلدىن ئارتۇق ئاشنىدارچىلىق قىلغان ۋېن موماينى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. رېمونتچىنىڭ ساقچىغا دېيىشىچە، موماي ئۇنىڭ ئاپىسىنى ھاقارەتلىگەن بولۇپ، شۇڭا ئۇ ئۆزىنى پەقەتلا تۇتۇۋالالمىغانكەن.

چېن جىنمىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، ئۆزگىچە مىجەز خاراكتېر يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ئاپىسىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىكەن ۋە ئۇنىڭغا كۆزى قىيمايدىكەن، باشقىلار ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلسا بومبىدەك پارتلايدىكەن. بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئۆزىدىن 20 ياش چوڭ موماي بىلەن ئاشنىدارچىلىق قىلىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىدۇر.

مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتتىن ئىگىلىشىچە، دېلو سوت ئېچىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، نەچچە كۈنگە بارمايلا جازا ئېلان قىلىنىدىكەن.

(ماقالىدىكى مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن)

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号