باش بەت

mirza

551يوللانما
1مەستانە

جىيەن ئوغلىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان يېرىم توننىلىق ئايال قەتئىيلىك بىلەن ئورۇقلىدى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-05 08:00 0 ئىنكاس چۈشتى

دۇنيادىكى ئەڭ سېمىز بۇ ئايالنىڭ ئىسمى Mayra Rosales بولۇپ، ئىلگىرى ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 454 كىلوگىرامغا يەتكەن.

 

ئۇ ھەددىدىن زىيادە سېمىز بولغانلىقتىن ھەرىكەت قىلىشى ئىنتايىن قولايسىز بولۇپ، تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايتتى. شۇڭا ئۇ كۈن بويى كارىۋاتتىن ئايرىلالمايتتى، ھەممىلا ئىشتا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۈتۈشىگە تايىناتتى. 

بۇ ئايال 2008-يىلىدىن باشلاپ كىشىلەرگە تونۇلغان، چۈنكى ئۇ ئۆرۈلگەن ۋاقىتىدا 2 ياشقا كىرگەن جىيەنى Eliseo نى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى، شۇ مەزگىلدە تاراتقۇلار ئۇنى «يېرىم توننىلىق قاتىل» دەپ خەۋەر قىلغان، بۇ ئىشتىن كىيىن Mayra بارا-بارا كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاشقا باشلىدى. 

ئۇنى سوتقا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن، سوتچى ئامالسىز ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تېمىنى چېقىپ ئۇنى سىرتقا يۆتكەپ چىقتى، سوتتا ئادۋوكات ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماتراس سېتىۋېلىپ ئورۇندۇق ئورنىدا ئىشلەتتى. 

بىراق كىيىن دېلو ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولدى، قانۇن دوختۇرى Eliseo نىڭ بويۇن قىسمىدا جاراھەت ئىزى بارلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن Mayra نىڭ سىڭلىسى بىلەن بالىنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ، بىرلىشىپ Eliseo نى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىكى مەلۇم بولدى، سىڭلىسىنى قوغداش ئۈچۈن Mayra ئوتتۇرىغا چىقىپ جىنايەتنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. 

سىڭلىسى تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن، Mayra قەتئىي نىيەتكە كېلىپ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى، ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 11 قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇردى. مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەت قىلدى، يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلدى، نەتىجىدە Mayra مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 363 كىلوگرام ئورۇقلىدى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە رەسىمدىكى ھالەتكە كەلدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号