باش بەت

ئىرپان

2020يوللانما
61مەستانە

بېلگىيە دۇنيادىكى تۇنجى پۈتۈنلەي ئىسپىرتسىز پىۋا ئىشلەپچىقاردى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-05 12:00 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 5-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھاراق ئېچىتىش ئەنئەنىسى بىلەن داڭ چىقارغان بېلگىيە دۇنيادىكى تۇنجى پۈتۈنلەي ئىسپىرتسىز پىۋا ئىشلەپچىقاردى.

«بېلگىيە كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئىنبېۋ (AB InBev) پىۋا گۇرۇھى نەچچە يىللىق تەتقىقاتتىن كېيىن بىر خىل پىۋا ئېچىتىش ئۇسۇلىنى بايقىغان ھەمدە ئىشلەپچىقارغان، تەمى ۋە سۈپىتى خام پىۋىدىن قېلىشمايدىغان ھەمدە پۈتۈنلەي ئىسپىرت يوق ئىسپىرت ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدىكەن.

بېلگىيە پىۋا ئىشلەش كارخانىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۈگۈنكى بازاردىكى ئاتالمىش «ئىسپىرتسىز پىۋا»لاردا ئىسپىرت مىقدارى %0.5دىن %1.2كىچە ئىكەن، تەمى خام پىۋا بىلەن پەرقلىنىدىكەن. «بېلگىيە كەچلىك گېزىتى» خەۋەر قىلىشىچە، بېلگىيەنىڭ ھەرقايسى چوڭ زەنجىرسىمان دۇكانلىرى كەلگۈسى نەچچە ھەپتىدە بىر مىليون بوتۇلكا يېڭى مەھسۇلاتنى ھەقسىز ئىچىپ كۆرۈش پائالىيىتىنى باشلايدىكەن. بېلگىيەلىكلەرنى پەخىرلەندۈردىغىنى، بېلگىيەدە تەخمىنەن 450 خىل داڭلىق ماركىلىق پىۋا بولۇپ، كۆپىنچىسى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پىۋا دەپ باھالىنىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ھەربىر داڭلىق ماركىلىق بېلگىيە پىۋا مەھسۇلاتىنىڭ ئۆز ماركىسىدىكى ئىستاكانى بار. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号