باش بەت

نۇسرەتگۈل

7790يوللانما
112مەستانە

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز پايتەخت دەپ نام ئالغان لاپاز

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-02-07 18:59 0 ئىنكاس چۈشتى

لاپاز بولىۋىيەنىڭ پايتەختى، بۇ شەھەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3577 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئورۇنغا جايلاشقان پايتەختتۇر. لاپازنىڭ تۆت ئەتراپى تاغلار بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ.

گەرچە ھەم ئېگىز ھەم خەتەرلىك تاغ ئۈستىدە بولسىمۇ، ئەمما بۇ شەھەر نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ئايروپىلانلار كېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، شۇنداقلا خەلقئارالىق لىنىيەلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئاساسلىق تۈگۈن. بۇ يەرگە كېلىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت بىر نەچچىلا ئادەم بىلەن ئۈسكۈنىلەرنىلا توشۇيدۇ. ھاۋا شالاڭ، قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغانلىقتىن بۇ جايدىكى ئايرودرومنىڭ ئۇچۇشقا تەييارلىنىش يولى ئۇزۇن قىلىپ لاھىيەلەنگەن. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ شەھەرنىڭ كۆرۈنۈش دەرىجىسىمۇ يۇقىرى بولغاچقا، يېڭى ئايروپىلانلارنىڭ ئېگىزلىك سىنىقىنى ئىشلەشكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

ئامېرىكىدىكى ھەربىي ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرىمۇ مۇشۇ جايدىكى ئايروپىلان ھەيدەش سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىشقا چىقالايدۇ. 

لاپازنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 7 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇسقا چىققان. ئەڭ سوغۇق بولىدىغان 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 5 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ ئىسسىق بولىدىغان 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 8 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، بىر يىلنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك قىش پەسلىلا بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号