باش بەت

River Novel

287يوللانما
41مەستانە

40 يىل بۇرۇن ئامېرىكىلىقلار كېچىنى قانداق ئۆتكۈزەتتى؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-07 22:57 0 ئىنكاس چۈشتى

ئامېرىكا CNN تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1972-يىللىرىدىكى ئامېرىكا لوس ئانژېلېس كوچىلىرى ھەرگىز چۆلدەرەپ قالمايدىكەن. بولۇپمۇ «سەيلە كېچىسى» دەپ ئاتالغان چارشەنبە كۈنى ئاخشىمى، ياشلار ماشىنا ھەيدەپ كېلىپ ۋان نايس (Van Nuys) كوچىسىغا جەم بولىدىكەن. فوتوگراف رىك مىسكولسكىي (Rick McCloskey) شۇ چاغلارنى ئەسلەپ: «سىز ئۇيەردە ھەرخىل ئادەم ۋە ماشىنىلارنى كۆرەلەيسىز، ئۇلار كوچىدا دوستلىرى بىلەن كۆرۈشەتتى ھەم ئۆزىنىڭ ماشىنىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشاتتى» دەيدۇ. ئۇ ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدا ئەينى دەۋردە ئەڭ مودا بولغان مۇسكۇل پىكاپى، ئۆزگەرتىلگەن ماشىنا ۋە مۇسابىقە ماشىنىلىرى بار ئىكەن.

رىك مىسكولسكىي بۇ خىل «سەيلە» يىغىلىشىنى بىر خىل دەۋر روھىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن. 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، ئۇرۇش كىشىلەرنىڭ تىنچ تۇرمۇش ھالىتىنى بۇزغان. 1972-يىلىغا كەلگەندە، ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر يەنە غەمسىز كۈنلىرىنى باشلىغان.

ھەر چارشەنبە كۈنى كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن لوس ئانژېلېسقا كېلىپ، ۋان نايس كوچىسىدىكى ماشىنىلار زىياپىتىگە قاتنىشىدۇ.

بۇ تاللا باشىرى شۇ يەردىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن ماشىنا توختىتىش ئورنى. كىشىلەر ماشىنا ھەيدەش جەريانىدا خالىغان چاغدا توختاپ، باشقىلار بىلەن بىردەم پىكىرلىشىپ، يەنە داۋاملىق ماشىنىلىق ئايلىنىدۇ. ئۇلار بىر كېچىدە نەچچە سائەت ۋاقتىنى چىقىرىپ، يولدا مۇشۇنداق ئايلىنىپ يۈرىدۇ.

ئۇ چاغدا ماشىنىنىڭ يېقىلغۇسى ناھايىتى ئەرزان بولۇپ، ماشىنا ھەيدەپ مۇشۇنداق بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈش ئەرزان توختايدىغان كۆڭۈللۈك سەيلە ھېسابلىناتتى.

كىشىلەر ھەيدىگەن ماشىنا ناھايىتى ئېسىل، ئەمما فوتوگرافنىڭ قىزىقىدىغىنى يەنىلا ماشىنا ھەيدەپ سەيلىگە چىققان ئادەملەر.

ئەلۋەتتە، بۇنداق كېچىدە موتوسىكلىت ھەۋەسكارلىرى كەم بولسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ. 

رىك مىسكولسكىي ئۇچاغدا 6-7 يىلدىن كېيىن بۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈشنىڭ ناھايىتى تەسكە توختايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.


20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا، «سەيلە» مەنزىرىسى غايىب بولدى. بۇنىڭ بىر سەۋەبى سودىگەرلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بولۇپ، نۇرغۇن خوجايىنلار ئەتراپتا پىۋا بوتۇلكىسى قاتارلىق ئەخلەتلەر پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ئەرز قىلغان. 

رىك مىسكولسكىي ئۇھسىنىپ، ھەممە نەرسىنىڭ بەك تېز ئۆزگىرەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «ئوغلۇمنىڭ 20 نەچچە ياش ۋاقتىدىلا بىر ماشىنىسى بار بولدى، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ئەمما مەن 15 ياشلار ۋاقتىمدا پىراۋا ئېلىشقا شۇنچىلىك ئىنتىلگەن ئىدىم» دېدى.

كىشىلەر يازدا ماشىنا ھەيدەپ سىرتنى ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ياز كېچىسىدىكى ھاۋا كىشىگە تولىمۇ ياقىدۇ. كۆڭلەك بىلەن قىسقا ئىشتان كىيىۋالسا ناھايىتى راھەت. گەرچە قىشتىمۇ سەيلىگە چىقىدىغانلار بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا يازدىكىدەك قىزىمايدۇ. 

سۈرەتتىكى بۇ ياشلار ھازىر يېشى 60 ئاشقان ياشانغانلاردىن بولۇپ قالدى. 

ھازىرقى رىك مىسكولسكىي خۇشاللىق ۋە ھەسرەت ئارىلاشقان ھېسىياتتا بۇ سۈرەتلەرگە قاراپ: «بۇلار ھەقىقەتەن بىر گۈزەل دەۋرنى نامايان قىلىدۇ، ئۇ چاغدا ھەممىمىز ناھايىتى ياش ئىدۇق.» دەيدۇ.

40 يىل بۇرۇنقى «سەيلە» دە ياشلار قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا پاراڭلاشماقتا.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号