باش بەت

del103

3896يوللانما
18مەستانە

يېڭى ئايفون iPhone X دەپ ئاتىلىشى ۋە باھاسى 7000 يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن

مەنبە:نۇقتا تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-09 12:15 0 ئىنكاس چۈشتى

technode تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۇنجى ئەۋلاد iPhoneنىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە 10 يىل بولاي دېدى، خىلمۇ-خىل ئۇچۇر مەنبەسىدىن تارقالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى بۇ 10 يىللىق خاتىرە ئەھمىيەتكە ئىگە iPhoneغا نۇرغۇن قان-تەرىنى سىڭدۈرگەن. ئالدىنقى قېتىم Fast Company تاراتقۇسى خەۋەر تارقىتىپ، يېڭى iPhoneنىڭ باھاسى 1000 دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇنداق خەۋەرلەر بىزنىڭ يېڭى ئايفونغا بولغان ئىنتىزارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.

خەۋەردە دېيىلىشىچە ئالما شىركىتى بۇ يىل ئۈچ خىل يېڭى iPhone ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى خىلى ئادەتتىكى دەرىجە يېڭىلانغان نۇسخا بولىدىكەن، يەنى 4.7 ۋە 5.5 دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىدىغان iPhone 7s نى كۆرسىتىدىكەن؛ يەنە بىر خىلى دەل كوزۇرلۇق مەھسۇلات-iPhone 8 (ھازىرچە مۇشۇنداق ئاتاپ تۇرىمىز) بولۇپ، ئۇنىڭغا 5.8 دىيۇملۇق تار رامكىلىق OLED ئېكران سەپلىنىدىكەن. ئايفوننىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلەش ئەھمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالما شىركىتى ئۇنى 10نى بىلدۈرىدىغان رىم رەقىمى Ⅹ بىلەن ئىپادىلىشى مۇمكىن، يەنى يېڭى بىر ئەۋلاد بايراقدار دەرىجىلىك iPhoneغا iPhone Ⅹ دېگەن ئىسىم قويۇلۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە OLED ئېكراننىڭ تەننەرخى ئادەتتىكى ئېكران (LCD)دىن ئىككى ھەسسە قىممەت بولغاچقا، يەنە كېلىپ ئالما شىركىتى ئىشلىتىدىغان OLED ئېكراننى پەقەت بىرلا كارخانا تەمىنلەپ بېرىدىغان بولغاچقا، iPhone Ⅹنىڭ باشلىنىش باھاسى 1000 دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىكەن. iPhone 7 Plusنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك نۇسخىسى (ساقلىغۇچ سىغىمى 256GB) دۆلەت ئىچىدە 7988 يۈەندىن سېتىلغان بولۇپ، بۇ 1167 يۈەن ئەتراپىدا باج ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ بويىچە مۆلچەرلىگەندە iPhone Ⅹنىڭ دۆلىتىمىزدىكى باشلىنىش باھاسى 7000 يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق.

يېڭى بايراقدار دەرىجىلىك iPhoneدىكى يېڭىلىققا كەلسەك، ھازىرغىچە تارقالغان ئۇچۇرلاردا يېڭى ئىسىم قوللىنىش، home كۇنۇپكىسىنى چىقىرىۋېتىش، چىراي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇش ۋە سىمسىز زەرەتلەشنى قوللاش قاتارلىق نۇقتىلار تىلغا ئېلىنغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号