باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2745يوللانما
6مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۆگە بازىرى: كۈندە 1000 تۆگە بوغۇزلىنىدۇ

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-02-10 21:45 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: رىياد غەربى ئاسىيا دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى ۋە شۇنداقلا ئەڭ چوڭ شەھىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

رىياد شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر قاقاسلىق ۋە يول بويىغا چوڭ-كىچىك تۆگە بېقىش مەيدانلىرى جايلاشقان بولۇپ، ناھايىتى كۆپ يۈك ماشىنىلىرى ھەر كۈنى بازار ۋە تۆگە بېقىش مەيدانى ئارىسىدا بابكارنىڭ موكىسىدەك قاتراپ يۈرىدۇ. كۆپ قىسىم تۆگىلەر ئۇدۇللا قۇشخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ بوغۇزلىنىدۇ، ئاز بىر قىسىملىرىلا تۆگە چاپتۇرۇش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلىدۇ.

بۇ جايدا ھەر كۈنى دېگۈدەك قارا، قىزىل، ئاق ۋە قوڭۇر يۇڭلۇق چوڭ-كىچىك تۆگىلەر بۇ جايدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ تۇرىدۇ، بۇ تۆگىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ئۈچ مېتىر، ئېغىرلىقى 750 كىلوگىرام چىقىدۇ. دۇنيا ئەھلى تەرىپىدىن «قۇملۇق كېمىسى» دەپ ئاتالغان بۇ تۆگىلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى ھېچ نېمە باسالمايدۇ، چۈنكى تۆگە گۆشى سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى.

ئەرەب دۆلەتلىرىدە تۆگە چاپتۇرۇش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بىر تۆگىنىڭ باساھى 10 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، نەسلى ياخشى تۆگە بولۇپ قالسا ناھايىتى ئاسانلا 100 مىڭ دوللارلىق باھا بىلەن سېتىپ چىقارغىلى بولىدۇ، نەسلى ئېسىل تۆگە بولىدىغان بولسا سېتىلىش باھاسى بىر مىليون دوللاردىن ئېشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. تاق لوكىلىق تۆگە قوش لوكىلىق تۆگىلەردىن ئىگىز، تىز يۈگۈرەيدىغان بولۇپ، ئەگەر مىنىش توغرا كەلسە، بۇ تۆگىلەر ئىزچىل سائىتىگە 13-14 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە يۈگۈرىيەلەيدۇ.

تۆگە گۆشى ئەرەبلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىك ھەمدە شۇ جايدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن يېمەكلىكتۇر. ئۇندىن قالسا تۆگە سۈتىمۇ ئەلۋەتتە يەرلىك كىشىلەر ئەزىزلەيدىغان ئامراق يېمەك-ئىچمەكلەر تۈرىگە تەۋە.

كىچىك بىر تۆگىنىڭ باھاسى 300 دوللار ئەتراپىدا بولىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا تۆگە ھايانكەشلىرى بەزى بىر «ياخشى، ئېسىل نەسىللىك تۆگە» لەرنى كىم ئارتۇق قىلىپمۇ ساتىدۇ، ئەڭ قىممەت بولغاندا بۇرۇن بىر تۆگىنىڭ باھاسى بىر مىليون دوللار بولغان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى بىر بولسا ئۆي ئىچىدە، بىر بولسا ماشىنا ئىچىدە بولىدۇ، چۈنكى ھاۋا بەكلا ئىسسىق بولغاچقا، سىرىتلاردا يۈرىدىغان كىشىلەر يوق دېيەرلىك. ئۇلار ھەتتا تۆگىلەرنىمۇ ماشىنا ئىچىدە تۇرۇپ ھەيدەپ ماڭىدۇ.

سۈرەتتە: تېخى ئەمدىلا بوتىلىغان بىر چىشى تۆگە، ئۇنىڭ كىندىكى تېخىچىلا تېڭىقلىق بولۇپ، ئۇ بوتىلىقىنىڭ يېنىدا، ئۇنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئورنىدىن قوپۇشىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. ئادەتتە بوتىلاق تۇغۇپلا ئورنىدىن تۇرۇشقا تەخمىنەن بىر سائەتتىن بىر يېرىم سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇ. چىشى تۆگىنىڭ قورساق كۆتۈرۈشى 370 كۈندىن 440 كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ، بىر قېتىمدا بىرنىلا بوتىلايدۇ، ھەر ئىككى ئۈچ يىلدا بىر قېتىم بوتىلايدۇ، ئېنىقكى، تۆگىنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاجىز. تۆگە تۇغۇلۇپ بەش يىلدا قۇرامىغا يىتىدۇ ۋە جۈپلىشەلەيدۇ، تۆگىنىڭ ئۆمرى ئادەتتە 25 يىل، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 50 ياشقىچە ياشىيالايدۇ.

دۈمبىسىگە لاتا چىگىپ قويۇلغان بۇ چىشى تۆگە تېخى ئەمدىلا بوتىلىدىغان بولۇپ، يېڭىدىن بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان بوتىلاق ئانىسىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايدۇ.

سۈرەتتە: تۆگە گۆشى گۈرۈچ تامىقى، بۇ خۇددى شىنجاڭدىكى پولوغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

ئەرەبلەر تۆگە سۈتى ئىچىشكە بەكلا ئامراق، تۆگە سۈتىنى ئەرەبلەر پۈتۈنلەي پايدىلىق ئىچىملىك، دەپ قارايدۇ، بەزىلەر ھەتتا تېخى ئەمدىلا سېغىلغان خام سۈتنى ئىچىشكە ئامراق. ئەرەبلەر يەنە تۆگە سۈتى ئەرلىك ئىقتىدارىنى ياخشىلاشتىكى ئەڭ تەبىئىي دورا، دەپ قارايدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارنىڭ نەزىرىدە، تۆگە سۈتى تولىمۇ يېيىشلىك بولۇپ، تۆگە گۆشىنىڭ ماي مىقدارى ئاز، چۈنكى مايلارنىڭ كۆپىنچىسى تۆگىنىڭ لوكىسىغا يىغىلغان. شۇڭلاشقا ئەرەبلەر يەنە تۆگە گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号