باش بەت

ئادىلجان

8601يوللانما
123مەستانە

بىرمىدا تاشلاندۇق كان دۆۋىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-11 11:42 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورىنىڭ 11-فېۋرالدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

10-فېۋرال بىرمىنىڭ شىمالىدىكى كاچىن ۋىلايىتىنىڭ پاككان رايونىدىكى ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، 9-فېۋرال كەچ شۇ جايدىكى بىر قاشتېشى كان رايونىدا تاشلاندۇق كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، توققۇز ئادەم ئۆلۈپ، بىر ئادەم يارىلانغان. 

پاككان رايونىدىكى ساقچىلارنىڭ شىنخۇا تورى مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 0-فېۋرال كەچتە پاككان رايونىدىكى بىر قاشتېشى قېزىش شىركىتىنىڭ قېزىش رايونى ئىچىدىكى ئېگىزلىكى تەخمىنەن 30 مېتىر كېلىدىغان تاشلاندۇق كان دۆۋىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن، 10-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇنغا قەدەر توققۇز ئادەمنىڭ جەسىتى بايقالغان، ئۆلگەن ياكى يوقاپ كەتكەن باشقا ئادەملەرنىڭ بار-يوقلۇقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. 

پاككان بىرمىدىكى ئەڭ چوڭ قاشتېشى بازىسى بولۇپ، بىر قىسىم چوڭ شىركەتلەر كان قازغاندىن سىرت، سىرتقى جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ جايدا تاش تېرىدۇ، ئەمما تاشلاندۇق كان دۆۋىسىدە دائىم گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى پاككاندىكى بىر تاشلاندۇق كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 114 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号