باش بەت

رازى

1625يوللانما
44مەستانە

ئاتا-ئانىسى يوقاپ كەتكىنىگە سەككىز ئاي بولغان 5 ياشلىق ئوغلىنى كوچىدا ئۇچرىتىپ قالدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-11 22:27 1 ئىنكاس چۈشتى

گۇاڭجۇ كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يوقاپ كەتكىنىگە سەككىز ئاي بولغان ئوغۇل بالىنى ئاتا-ئانىلىرى دەرۋەقە ئۆيىگە 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان شەھەر رايونىدا تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالدى. تۈنۈگۈن يوقاپ كەتكەن بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، بالىسى ئاللىقاچان تېپىلغان، ئەمما ساقچىلار بالىسىنى ئالداپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتقان ئىكەن.

مۆجىزىلەرچە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن بۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمى ئافۇ بولۇپ بۇ يىل 5 ياشتىن ئاشقان، چىڭيۈەن شەھىرى چىڭشىن رايونى تەيپىڭ بازىرى ماتاڭ كەنتىدە ئولتۇرىدۇ. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە ئالداپ كېتىلگىنىگە سەككىز ئاي بولغان ئافۇ ئۆيدىن 20 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شەھەر رايونىدىكى مەلۇم بىر مەيداندا پەيدا بولدى، شۇنداقلا يەنە شۇ يەردە ئايلىنىۋاتقان ئاتا-ئانىسى ۋە ھاممىسىغا ئۇچراپ قالدى.

ئالداپ كېتىلگىنىگە شۇنچە ۋاقىت بولغاندىن كېيىن يەنە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ئۆزى ئاسماندىن چۈشكەن خۇشاللىق ھېسابلىنىدۇ. يۇرتداشلار ئافۇنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەممىسى ئۇنى ھەقىقەتەن تەلەيلىك دېيىشتى. ئۆيدىن ئايرىلغىنىغا سەككىز ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئافۇ يەنىلا ئۆيدىكىلەرنى ئەسلىيەلىگەن ئىدى. ھازىر ئۇ ھەر كۈنى دادا ئاپىسىغا يامىشىپ، بىرلىكتە تېلېۋىزور كۆرىدۇ، كۈنلىرى شۇنداق خۇشال ئۆتمەكتە.

ئافۇنىڭ ئاتا-ئانىسى گەرچە يوقىتىپ قويغان بالىسىنى قايتا تېپىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلتۇر 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى يۈرىكىنى سەك پارە قىلغان ئاشۇ دەقىقىنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدى. ئافۇنىڭ ئائىلىسىدە تۆت بالا بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ ئاچىسى بار، ئۇ ئۆينىڭ كىچىكى ئىدى. ئافۇنىڭ دادىسى ئادەتتە قۇم شېغىل ئىشلىرىنى قىلاتتى، ئاپىسى شەھەردە ئىشلەيتتى، ئەر ئايال ئىككىسى جاپالىق ئىشلەپ ئائىلىدىكى تۆت بالىنى بېقىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ساقچىلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇقتۇرۇشىدا ئېيتىلىشىچە، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەر سائەت 7:00 ئەتراپىدا ئافۇنىڭ ئاتا ئانىسى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەن، ئافۇ ۋە ئۇنىڭ ئاچىسى ئىككىيلەن يېزىدىكى ئۆيىدە قالغان. ئارىلىقتا بىرەيلەن ئۆيگە كىرگەن ھەمدە يەيدىغان نەرسە ئېلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن ئافۇنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىز دېرىكى بولمىغان. بۇ كەنتتە نازارەت قىلىش ئاپپاراتى بولمىغانلىقتىن، ئافۇنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكى بىر سىرغا ئايلانغان. چىڭشىن رايونلۇق ساقچىخانىدىكى ساقچىلار دەرھال دېلو تۇرغۇزۇپ رازۋېدكا قىلغان.

قوشنىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئافۇ بىلەن ئۇنىڭ ئاچىسى ناھايىتى ياۋاش بولۇپ، ئادەتتە ئەتراپتىكى قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ ئوينايدىكەن ئەگەر قورسىقى ئاچسا ئۆزلىرى قازاندىن تاماق ئۇسۇپ يەيدىكەن. ئەمما ئافۇنىڭ ئاچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ ئىش يۈز بەرگەندە بىر ئايال ئۆيگە كىرىپ، ئىنىسىغا يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئارقىدىن ئىنىسىنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن. ئاچىسى ئۆينىڭ سىرتىدا يەنە بىر ئەرنىڭ موتوسىكلىت تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن، ھېلىقى ئايال ئافۇنى ئېلىپ موتوسىكلىتقا ئولتۇرۇپ، چىڭسى يولى تەرەپكە كەتكەن ئىكەن. سەككىز ئايدىن بۇيان چېن ئائىلىسى توختىماي ئافۇنى ئىزدىگەن بولسىمۇ ئەمما زادىلا تاپالمىغان. 

بىر ئائىلە كىشىلىرى بارا-بارا ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقىتتا، كاتتا خۇشاللىق ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بولغان. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئىزچىل يېزىدا تۇرۇۋاتقان دادىسى بىلەن ھاممىسى شەھەرگە تۇغقان يوقلاپ كىرگەن. كەچ سائەت 9:00 ئەتراپىدا ئۇلار شەھەر مەركىزىدىكى مەيدانغا كېلىپ ئوينىغان، ئويلىمىغان يەردىن بۇ يەردە باشقىلار ئالداپ كەتكەن ئافۇنى ئۇچراتقان. «ئەينى ۋاقىتتا مەن مەيداندا كالىنىڭ ئىچ قارىنى يەۋاتقان ئىدىم، بىر كىچىك بالا يېقىن ئەتراپتا توختىماستىن ماڭا قاراپ تۇردى.» ئافۇنىڭ ھاممىسى ما خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈرىكى توختىماستىن قاتتىق سوقۇپ كەتكەن ئىكەن، «ئۇ بالا ئافۇغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن.» شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالدىغا ئۆتۈپ بالىغا تەپسىلىي قارىغان.

بۇ چاغدا يان تەرەپتە تۇرغان بىر چوڭ ئادەم ئۇياق-بۇياققا قاراپ تۇرغان ئافۇنىنى ئېلىپ ماڭغان، ھاممىسى دەرھال ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئافۇنى تارتىۋالغان. ئافۇنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ما خانىم قارشى تەرەپنى قوغلاشقا ئۈلگۈرەلمەي دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان. بالا ئۆيگە قايتىپ كەلدى، پۈتۈن ئاىلە كىشىلىرى قاتتىق ھاياجانلاندى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا بالىنى ئۆيدىن ئېلىپ كەتكەن كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكى، سەككىز ئايدىن بۇيان بالىنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى قاتارلىقلار تېخىچە سىر بولۇپ، بۇ ئىشلارنى ساقچىلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈشىگە توغرا كېلەتتى.



باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان4 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئاتا ئانىلارنىڭ ھە م بالىنىڭ بەختى باركەن ھەنىم بۇلسىمۇ بىر ئائىلە كشلىرى تپېشپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号