باش بەت

رازى

1625يوللانما
44مەستانە

ئوغلىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن 48 قېتىم قان تەقدىم قىلغان قەيسەر دادا

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-02-12 19:44 0 ئىنكاس چۈشتى

سۈرەتتىكى دادىنىڭ ئىسمى ۋاڭ چۈنپىڭ، ئۇنىڭ ئوغلى 12 ياش ۋاقتىدا قايتا ھاسىل بولىدىغان توسالغۇ خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئوغلىنى ئېلىپ ئوغلىنىڭ كېسىلىگە داۋا ئىزدىدى، قىسقىغىنا نەچچە يىلدا بالىسىنى داۋالىتىش يولىدا ئۇ ئائىلىسىدىكى بارلىق بىساتىنى خەجلەپ تۈگەتتى. مۇشۇ سەۋەبلىك ئايالى بۇ ئائىلىدىن كېتىپ قالدى.

بالىسى 26 ياشقا كىرگەندە كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاپ، قان سېلىش قېتىم سانى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى، بىر ئايدا بىر قېتىم قان سېلىشتىن 15 كۈندە بىر قېتىم قان سېلىشقا ئۆزگەردى، ھەر-بىر قېتىم قان سېلىشقا 2000 يۈەن كېتەتتى. ئوغلىنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ۋاڭ چۈنپىڭ قان تەقدىم قىلىشنى قارار قىلدى. قان تەقدىم قىلىش كىنىشكىسى بولسا بالىسىغا ھەر قېتىم قان سالغاندا يېرىم ھەقنى ئاتچوت قىلغىلى بولاتتى، شۇڭلاشقا دادا 48 قېتىم قان تەقدىم قىلدى. بەلگىلىمە بويىچە پەقەت 60 ياشقا كىرگىچە قان تەقدىم قىلىشقا بولىدۇ، ۋاڭ چۈنپىڭنىڭ يەنە 5 يىل ۋاقتى بار، 5 يىلدىن كېيىنكى كۈنلەرنى ئۇ ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدۇ.

ۋاڭ چۈنپىڭ ئوغلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلاپ، كېيىنكى قېتىملىق قان سېلىش ۋاقتىنى پەرەز قىلماقتا.

قان سېلىش ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى ۋاڭ يۈنىڭ بەدىنى ئاجىزلايدۇ، دادا ئوغلىنى يۈدۈپ بىنادىن چۈشۈرۈپ، قان سېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

يېڭىلا قان ئامبىرىدىن چىققان قان خالتىسى ناھايىتى سوغۇق بولىدۇ، ۋاڭ چۈنپىڭ خالتىنى قوينىغا سېلىپ، قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسسىتىپ، ئوغلىغا تېزراق سېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ.

قان سېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دادا ئوغلىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئاستا-ئاستا كېتىپ قالىدۇ. 

دوختۇرخانا 60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ قان تەقدىم قىلىشىغا يول قويمايدۇ، ۋاڭ چۈنپىڭ بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ بەش يىل ئۇنىڭغا بېرىلگەن مۆھلەت، دادا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسى بولسا ئۆز ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوغلىنىڭ ھاياتىنى بەش يىل قوغداپ قېلىشتۇر.  

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号