باش بەت

ئەلى

1883يوللانما
1مەستانە

ئامېرىكا تارىخىدىكى قەستكە ئۇچرىغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-02-13 12:10 0 ئىنكاس چۈشتى


بۈگۈنكى باش تېما تورى 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1835-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكىنىڭ 7-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئاندىرۇ جېكسون (Andrew Jackson) ۋاشىنگتوندىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ چەمبەر شەكىللىك زالىدا تەزىيە مۇراسىمغا قاتنىشىۋاتاتتى. رىچارد لاۋرېنس ئىسىملىك نېرۋىسى ئاجىز سىرچى تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق چىقاردى، بىراق ئىككىلا پاي ئوق ئۇنىڭغا تەگمىدى، ئۇنىڭ ھېچقانداق يېرى يارىلانمىدى. جېكسون ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى بولۇپ قەستكە ئۇچرىغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ قالدى.

 ئامېرىكىنىڭ 16-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئابراھام لىنكولىن (Abraham Lincoln) ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى بولۇپ قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان زۇڭتۇڭ ھېسابلىنىدۇ. لىنكولىن ئامېرىكىلىقلار تەرىپىدىن «ئەڭ بۈيۈك زۇڭتۇڭ» دەپ ئاتالغان. 1865-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى لىنكولىن جەنۇب شىمال ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن فورد تىياتىرخانىسىدا ئويۇن كۆرۈۋاتقاندا، ئارتىس جون ۋىلكېس ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ ناھايىتى يېقىن ئارىلىقتىن ئۇنىڭ بېشىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان، ئاندىن ئۇ قېچىپ كېتىپ ۋېرگىنىيەدىكى ئوت كەتكەن بىر ئاشلىق ئىسكىلاتىغا مۆكۈۋالغان. فېدېراتسىيە ئارمىيەسى ئۇنى تارتىپ چىققاندىن كېيىن ئۇ ئېغىر يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ سۇيىقەستنى پىلانلىغان ئۈچ ئەر بىر ئايال ئېتىپ تاشلانغان. لىنكولىن 2-كۈنى ئەتىگەندە قازا قىلغان.



قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان 2-زۇڭتۇڭ بولسا جامېس گارفيېلد (James Garfield) بولۇپ، 1881-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى  ۋاشىنگتوندىكى بىر پويىز ئىستانسىسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى رادىكال ئۇنسۇر چارلىس جىتو ئۇنۇڭغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. قاتىل 2-يىلى دارغا ئېسىلغان.

1901-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ھۆكۈمەتسىزلىك ئېقىمىنىڭ تەشەببۇسچىسى لىئون زولگوسز ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋىليام مەكىنلىي (William McKinley)نىڭ نيۇيوركتىكى ئامېرىكا قىتئەلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تاپانچىسىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق ئاتقان. سەككىز كۈندىن كېيىن زۇڭتۇڭ ئۆلۈپ كەتكەن. گەرچە زۇڭتۇڭ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن توختىماي: «ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماڭلار!» دەپ توۋلىغان بولسىمۇ، بىراق قاتىل يەنىلا توك ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.

1933-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى زۇڭتۇڭ فىرانكلىن روزۋېلت (Franklin D. Roosevelt) مىئامىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا قاتىل زانگالا ئۇنىڭغا قارىتىپ 5 پاي ئوق ئاتقان، بىراق ئۇنىڭ بىرەرسىمۇ زۇڭتۇڭغا تەگمىگەن.

1950-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىككى پورتورىكولۇق ئەر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى خارىي تىرۇمان (Harry STruman)نىڭ چۈشكەن مېھمانسارايغا سوقۇنۇپ كىرىپ ئۇنى قەستلىمەكچى بولغان. بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قاتىل قوغدىغۇچى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەن، زۇڭتۇڭغا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمىگەن.

ئامېرىكىنىڭ 35-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جون كېننېدى (John F. Kennedy) داللاس شەھىرىدە 1963-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈستى ئوچۇق ماشىنىدا كېتىۋاتقاندا مەرگەنلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. قاتىلنىڭ كىملىكى ۋە بۇ قېتىملىق سۈيقەستنىڭ تەپسىلاتى ھازىرغىچە بىر سىر. كېننېدىنىڭ ئۆلۈمىمۇ تارىخىي سىر بولۇپ قالغان.

1975-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە 22-كۈنى زۇڭتۇڭ گېرالد فورد (Gerald Ford) كالىفورنىيە ئىشتاتى ساكرىمەنتو ۋە سان فرانسىسىكودا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى ئايال تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان. بىراق ئىككىلا قېتىمدا ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمىگەن.

1981-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى زۇڭتۇڭ رونالد رېگان (Ronald Regan) ۋاشىنگتوننىڭ ھىلتون مېھمانسارىيى ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا ئاق تەنلىك ياش يىگىت جون خىنكىلىي ئۇنىڭ سول كۆكرىكىگە بىر پاي ئوق ئاتقان. خىنكىلىي سوتلانغان ۋاقىتتا دوختۇر تەرىپىدىن روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان، دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان ھەمدە ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىپ، روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغان. رېگان داۋالاپ ساقايتىلغان.

ئامېرىكا مۇستەقىل بولۇپ ھازىرغىچە جەمئىي 9 نەپەر زۇڭتۇڭ قەستكە ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 4 نەپەر زۇڭتۇڭ قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان. شۇڭلاشقا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ نېمە ئۈچۈن زور مەبلەغ چىقىرىپ بۇنچە كۆپ قوغدىغۇچى ياللايدىغانلىقىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号