باش بەت

جاھانكەزدى

14327يوللانما
5مەستانە

2017-يىلى قاتناش قانۇنىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قائىدىلەر

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-13 12:05 0 ئىنكاس چۈشتى

2017-يىللىق ئەڭ يېڭى قاتناش قائىدىسى ئېلان قىلىندى، يېڭى قاتناش قائىدىسىدە خېلى كۆپ بەلگىلىمىلەر كۆپەيتىلدى، بولۇپمۇ مەكتەپ ئاپتوموبىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر قوشۇلۇپ، جازالاش سالمىقىمۇ ئاشۇرۇلدى. يېڭى قاتناش قائىدىسىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ تەننەرخى ئۆستۈرۈلۈپ، نومۇر تارتىلىدىغان تۈرلەر ئەسلىدىكى 38 تۈردىن 52 تۈرگە كۆپەيتىلدى. بىر قىسىم نومۇر تارتىش قائىدىسىدىكى تارتىلىدىغان نومۇر يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، مەسىلەن: قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتسە 3 نومۇر تارتىش 6 نومۇرغا كۆتۈرۈلدى، نومۇر تاختىسى ئاسمىغان ياكى نومۇر تاختىسىنى توسۇپ قويغانلاردىن بىر قېتىمدىلا 12 نومۇر تارتىش بەلگىلەندى. تۆۋەندە بىز ئەڭ يېڭى نومۇر تارتىش قائىدىسىنى كۆرۈپ باقايلى. 

يېڭى قاتناش قائىدىسىدىكى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 3 نومۇر تارتىلىدىغان قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلار

1. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياكى شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل يولىدا يۈرمەسلىك (يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن)

دۆلەت ئىچىدىكى كۆپ قىسىم يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل يولىغا قارىتا بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار ئىچى تەرەپتىكى تېز سۈرئەتلىك ئاپتوموبىل يولىدا يۈرىدۇ، چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار تېشى تەرەپتىكى ئاستا سۈرئەتلىك ئاپتوموبىل يولىدا يۈرىدۇ. 2017-يىلىدىن باشلاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياكى شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل يولىدا يۈرمىگەندە 3 نومۇر تارتىلىدۇ. 

2. سۈرئەتنى %20تىن تۆۋەن ئاشۇرۇۋېتىش (يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن)

ئوتتۇرا تىپلىقتىن يۇقىرى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، يۈك ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىدىن باشقا يوللاردا يۈرگەندە بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئېشىپ كەتكەن سۈرئىتى %20كە يەتمىسە، باشقا ئاپتوموبىللار يول يۈرۈش جەريانىدا بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئېشىپ كەتكەن سۈرئىتى %20كە يەتمىسە، 3 نومۇر تارتىلىدۇ. 

20170213115757218.jpg

يېڭى قاتناش قائىدىسىدىكى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 6 نومۇر تارتىلىدىغان قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلار

1. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا سۈرئەتنى %20تىن تۆۋەن ئاشۇرۇۋېتىش (يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن)

ئوتتۇرا تىپلىقتىن يۇقىرى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، يۈك ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىدا يۈرگەندە بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئېشىپ كەتكەن سۈرئىتى %20كە يەتمىسە، 6 نومۇر تارتىلىدۇ. 

2. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا يول بەرمەسلىك (يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن)

مەكتەپ ئاپتوموبىلى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر يېڭى شوپۇرلۇق قائىدىسىدىكى مۇھىم نۇقتا بولۇپ، مەملىكىتىمىزدە مەكتەپ ئاپتوموبىلى كۆز قارىشى ئەمدى شەكىللىنىۋاتقان بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە كۆپرەك قوللىشىمىز ۋە ئىلھام بېرىشىمىز، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى كۆرگەندە، چوقۇم يول بېرىشىمىز لازىم. 

3. كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن ھاۋارايى شارائىتىدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرگەندە بەلگىلىمە بويىچە يول يۈرمەسلىك (يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن)

ناچار ھاۋارايى شارائىتىدا يول يۈرگەندە: 

1. كۆرۈش دەرىجىسى 200 مېتىردىن تۆۋەن بولغاندا، تۇمان چىرىغى، يېقىننى كۆرسىتىش چىرىغى، كەڭلىك چىرىغى ۋە ئالدى-ئارقا تۇمان چىرىغىنى ياندۇرۇش، ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 60 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ئوخشاش ئاپتوموبىل يولىدىكى ئالدى تەرەپتىكى ئاپتوموبىل بىلەن 100 مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاش لازىم. 

2. كۆرۈش دەرىجىسى 100 مېتىردىن تۆۋەن بولغاندا، تۇمان چىرىغى، يېقىننى كۆرسىتىش چىرىغى، كەڭلىك چىرىغى، ئالدى-ئارقا تۇمان چىرىغى ۋە خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغىنى ياندۇرۇش، ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 40 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ئوخشاش ئاپتوموبىل يولىدىكى ئالدى تەرەپتىكى ئاپتوموبىل بىلەن 50 مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاش لازىم. 

3. كۆرۈش دەرىجىسى 50 مېتىردىن تۆۋەن بولغاندا، تۇمان چىرىغى، يېقىننى كۆرسىتىش چىرىغى، كەڭلىك چىرىغى، ئالدى-ئارقا تۇمان چىرىغى ۋە خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغىنى ياندۇرۇش، ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 20 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەمدە ئەڭ يېقىن چىقىش ئېغىزى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن چىقىپ كېتىش لازىم. ئەگەر يۇقىرىدىكى ئۈچ قائىدىگە خىلاپلىق قىلسا، 6 نومۇر تارتىلىدۇ. 

يېڭى قاتناش قائىدىسىدىكى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 12 نومۇر تارتىلىدىغان قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلار

مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەيدەش (يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن)

يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەكتەپ ئاپتوموبىل توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بارغانسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۋاتقان بولغاچقا، يېڭى قاتناش قائىدىسىدە مەكتەپ ئاپتوموبىلى توغرىسىدىكى جازالاش سالمىقىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 

مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن: 

1. شوپۇرلۇق ئىستاژى 3 يىلدىن يۇقىرى، يېشى 60 ياشتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇش؛ 

2. يېقىنقى ئۇدا 3 قېتىملىق نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىدە تولۇق نومۇر تارتىلمىغان بولۇش؛

3. ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتناش ھادىسىسى مەسئۇلىيىتى بولماسلىق؛ 

4. ھاراق ئىچىپ ياكى مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش خاتىرىسى بولماسلىق، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ھەيدەپ نورمىدىن ئارتۇق ئادەم ئېلىش، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولماسلىق؛ 

5. جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك خاتىرىسى، ئامانلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇلغانلىق خاتىرىسى بولماسلىق؛ 

6. تېنى ساغلام، ھاراقكەشلىك، زەھەر چېكىش قىلمىشى خاتىرىسى بولماسلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىك، تۇتقاقلىق، روھىي كېسەل ھەمدە ئاپتوموبىل ھەيدەش بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان كېسەللىك تارىخ بولماسلىق لازىم. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号