باش بەت

نۇسرەتگۈل

6593يوللانما
60مەستانە

تەيۋەندىكى قاتناش ھادىسىسىدە قازاغا يولۇققان ساياھەتچىلەر 6 مىليون تەيۋەن پۇلى تۆلەمگە ئېرىشتى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-14 18:10 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ديېليەنخۇا ساياھەت شىركىتىگە تەۋە ساياھەت ئاپتوبۇسى 13-فېۋرال كەچتە ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 30 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان. ساقچىلار ساياھەت ئاپتوبۇسىنىڭ خاتىرىلىگۈچىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئەينى چاغدا ئاپتوبۇسنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنىڭ 60 كىلومېتىر بولۇپ، ئۆلچەمدىن 20 كىلومېتىر ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

تەيۋەن «تاشيول ئىدارىسى»دىكىلەرنىڭ بۈگۈن بىلدۈرۈشىچە، قازاغا ئۇچرىغان ھەر بىر يولۇچىغا 6 مىليون يېڭى تەيۋەن پۇلى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 1 مىليون 330 مىڭ يۈەن) سۇغۇرتا تۆلىمى بېرىلىدىكەن.

«تاشيول ئىدارىسى»دىكىلەر بۇ قېتىمقى ھادىسىدە ھەر بىر يولۇچىغا ساياھەتچىلىك جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى 2 مىليون تەيۋەن پۇلى، ئاپتوموبىل مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى 2 مىليون تەيۋەن پۇلى، يولۇچىلار سۇغۇرتىسى 2 مىليون تەيۋەن پۇلى قوشۇلۇپ جەمئىي 6 مىليون تەيۋەن پۇلى ئۆلۈم سۇغۇرتا تۆلەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ يەنە يارىلانغان يولۇچىلارغا ساياھەتچىلىك جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى 200 مىڭ تەيۋەن پۇلى، ئاپتوموبىل مەجبۇرىي سۇغۇرتىسسى 200 مىڭ تەيۋەن پۇلى، يولۇچىلار سۇغۇرتىسى 200 مىڭ تەيۋەن پۇلى قوشۇلۇپ 600 مىڭ تەيۋەن پۇلى كۈتۈلمىگەن ھادىسە سۇغۇرتا پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«تاشيول ئىدارىسى»دىكىلەر ھادىسە يۈز بەرگەن ماشىنىنىڭ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، بۇ ماشىنىنىڭ 1998-يىلى 4-ئايدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى، ئالدىنقى قېتىمقى تەكشۈرۈشىنىڭ 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە ھەممىسىنىڭ لاياقەتلىك بولغانلىقىنى بايقىغان.

بۇ ماشىنىنى ھەيدىگەن شوپۇر كاڭ يۈشۈن 2011-يىلى 4-ئايدا چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ماشىنىسى ھەيدەش كەسپىي كېنىشكىسى ئالغان بولۇپ، ھازىرغىچە قائىدىگە خىلاپ ماشىنا ھەيدىگەن قېتىم سانى 2 قېتىم دەپ خاتىرىلەنگەن.

ئۇلار يەنە بۇ قېتىمقى ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبنىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号