باش بەت

رازى

1583يوللانما
37مەستانە

ئوغلى ساقچىخانىغا كىرىپ قالغان دادا ساقچىخانىدىن ئوغلىنى كۆپرەك قاماپ قويۇشنى ئۈمىد قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-14 21:41 0 ئىنكاس چۈشتى

تۈنۈگۈن نەنئەن گۈەنچياۋ ساقچىخانىسى مەلۇم بىر دادىدىن كەلگەن خەتنى تاپشۇرۇۋالدى، خەتتە مۇنداق يېزىلغان ئىدى: مەن ئۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندىم، ساقچىخانىنىڭ ئۇنى ئېغىرراق جازالىشىنى، بىر نەچچە يىل ئارتۇق قاماپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆزگىرىدىغان ياكى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا قاراپ باقاي.

بوۋاينىڭ فامىلىسى سەي بولۇپ، گۇيجۇ ئۆلكىسىدىن، بۇ يىل 73 ياش، ئۇزۇندىن بۇيان نەنئەن گۈەنچياۋ ئەتراپىدا ئىشلەپ كەلگەن، تۇرمۇشى نامرات بولغانلىقتىن، ئايالى ئىككى ياشلىق ئوغلىنى ئۇنىڭغا تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالغان. قايتا توي قىلسا ئوغلىغا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ سەي تاغا قايتا توي قىلمىغان، ئۇ بالىسىغا ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ بېقىپ، قېرىغاندا ئۆزىگە يار يۆلەك بولۇشنى ئۈمىد قىلغان.

شياۋ سەي كىچىك ۋاقتىدا ئىنتايىن ئوماق ۋە گەپ ئاڭلايدىغان بالا ئىدى، ئۇ يەنە دادىسىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتى، ئەمما چوڭ بولغاندىن كېيىن بارا-بارا ئۆزگىرىشكە باشلىدى، ئۇ ھۇرۇن بولۇپلا قالماستىن يەنە ھەمىشە دادىسىنىڭ ئاپىسىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىناتتى.

سەي تاغا ئارتۇقچە ئوغلىنى ئەيىبلىمەيتتى، ئۇ كۆڭلىدە ئوغلىغا ياخشى خوتۇن ئېلىپ بەرسە ئۆزگىرىپ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايتتى. كىم بىلسۇن، ناھايىتى تەستە ئوغلىغا خوتۇن ئېلىپ بەرسە، ئۇ ئۆزگىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتتى، ئۇ ھاراق ئىچىپلا قالماستىن يەنە قىمارغا خۇمار بولۇپ قالدى، ئايالىغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ئاخىرىدا ئۇلارمۇ ئاجرىشىپ كەتتى.

بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن شياۋ سەي تەجرىبە ساۋاقنى يەكۈنلىمەي قالماستىن يەنە ئاتىسىنىڭ تەربىيەسى قۇلىقىغا كىرمىدى، دائىم جېدەل تېرىپ يۈردى.

1-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 ئەتراپىدا، گۈەنچياۋ بازىرىدىكى مەلۇم بىر فارفۇر بۇيۇملار زاۋۇتىدا شياۋ سەي شياۋخۇاڭ بىلەن خىزمەتتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار سەۋەبىدىن زىددىيەتلىشىپ قالدى، ئارقىدىن ئىككىيلەن ئۇرۇشۇپ كەتتى، شياۋ سەي قولىغا پولات تۇرۇبا ئېلىپ شياۋ خۇاڭنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ يارىلاندۇردى. قانۇن دوختۇرلىرى تەكشۈرۈپ شياۋ خۇڭنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى، شياۋ سەي جىنايى جازاغا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى بېكىتتى. 

خەتتە سەي تاغا ئوغلىغا دەيدىغان گەپنىڭ ھەممىنى دەپ بولغانلىقى، ئوغلىنىڭ قىلچىمۇ ئۆزگەرمىگەنلىكى، يەنىلا جىنايەت يولىغا ماڭغانلىقى، شۇڭلاشقا ساقچىخانىنىڭ بۇ قېتىم ئوغلىغا ياردەم قىلىپ ئۇنى ئۆزگەرتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号