باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11651يوللانما
956مەستانە

رۇسىيەدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئەر: ھېچ كۈچىمەيلا چېپمپيونلۇققا ئېرىشىدۇ

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-02-16 19:38 0 ئىنكاس چۈشتى

«بۈگۈنكى خەۋەلەر تورى» 16-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دەنىس سېفلېنكوۋ دۇنيا قول قايرىش چېمىپىيونى. ئۇكرائىنادا تۇغۇلغان رۇسىيەلىك ماھىر. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ پۈتۈن دۇنيادىكى بىلىكى ئەڭ كۈچلۈك كىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ 2010-، 2011-يىلدىكى «رېينولد دۇنيا لوڭقىسى» نېميروف بەرگىسى قول قايرىش دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. يەنە تېخى رۇسىيەدىكى قول قايرىش مۇسابىقىلىرىنىڭ چېمپىيونلۇق تاجىنى تاقىغان. ئەلۋەتتە، شان-شەرەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنچە مۇھىم بولمايدىغان بولدى.

ئەلۋەتتە، سىتايلوننىڭ قولى ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانچە نەرسە ئەمەس. سىتايلون پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، دەنىس خۇددى كىچىك بالىلار بىلەن قول قايرىشىۋاتقاندەك قىلچىلىك كۈچىمىگەنىدى.

دەنىسنىڭ ئىككى باشلىق مۇسكۇل ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 64 سانتىمېتىر، بوي ئېگىزلىكى 1.85 مېتىر كېلىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى 120 كىلوگىرام. بىراق ئۇ قارىماققا ئۇنچە سېمىزدەك كۆرۈنمەيدۇ، دېمەك بۇنىڭدىن مۇسكۇللىرىنىڭ قانچىلىك چىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ ئادەتتىكى كىشىلەردىن خېلىلا چوڭ.

بېغىشىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 24 سانتىمېتىر كېلىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ رۇسىيە چېمپىيونىنىڭ ئالتۇن قول ئىزى ياسىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش كۈچلۈك بولۇشىنى ئارزۇ قىلدى.

ئادەتتە ئۇنىڭ مەشىق مىقدارى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. نەچچە 10 يىلدىن بۇيان، بىر كۈنمۇ مەشىق قىلىشتىن توختاپ باققىنى يوق.

مەيلى باشقىلارنىڭ بىلىكى قانچىلىك توم ياكى كۈچلۈك بولسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس.

ئەلۋەتتە، دۇنيا چېمپىيونى بولۇش سۈپىتى بىلەن دەنىسنىڭ تاماق مىقدارىمۇ ئادەمنى چۆچىتىدۇ. ئۇ بىر ۋاقلىق تامىقىغا تۆت كىشىلىك تاماق يەيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号