باش بەت

زورىگۈل

5741يوللانما
40مەستانە

بىرما دېموكراتلار پارتىيەسى ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى قەستلەنگەنلىك دېلوسىنى ئاشكارىلىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-17 15:07 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 17-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىرما ئورگان تاراتقۇسىنىڭ 16-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى بۇ يىل 29-يانۋار دېموكراتلار پارتىيەسى ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى ئۇكونى (U Ko Ni)نىڭ رانگون ئايرودرومى ئەتراپىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسىدىكى ئىلگىرىلەشنى ئاشكارىلىغان. ساقچىلار ھازىر قاتىل كىلىڭ (52 ياش) ۋە شېرىكىنى قولغا ئالغان، گۇماندارلارغا بولغان سوراققا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق قاتىللىق دېلوسىدا قاتىل ياللانغان بولۇپ، ئاساسلىق پىلانلىغۇچى كىلىڭنىڭ شېرىكىنىڭ ئىنىسى ئاڭۋېنكەي ئىكەن. 2016-يىلى 7-ئايدا ئاڭۋېنكەي 100 مىليون Kyat (تەخمىنەن 540 مىڭ يۈەن) ھەق بىلەن ئاكىسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسى ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى ئۇكونىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان ھەم ئالدىن 10 مىليون Kyat (تەخمىنەن 54 مىڭ يۈەن) بەرگەن. ئاندىن ئاكىسى ئۇكونىنى قەستلەش ئۈچۈن كىلىڭنى ياللىغان ھەم ئۇكونىنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكىتىگە قاتتىق كۆز-قۇلاق بولغان. ئەڭ ئاخىرىدا قاتىل كىلىڭ ئۇكونى ھىندونېزىيەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بىرما خەلقئارا ئايرودرومى ئەتراپىغا كەلگەندە ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھەم ئۇنى توسۇپ تۇتماقچى بولغان بىر تاكسى شوپۇرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

بىرما ساقچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاڭۋېنكەي ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن جۇڭشياۋ دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىكەن، ھازىر تېخىچە قېچىپ يۈرگەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرغان. بۇ دېلوغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەر ئاممىغا ۋاقتىدا ئاشكارىلىنىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号