باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

جۇڭگولۇق ھۈنەرۋەن دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك خۇرۇم ئاياغنى ياسىدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-02-17 21:30 0 ئىنكاس چۈشتى

«بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سىز دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك خۇرۇم ئاياغنى مەملىكىتىمىزنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم بىر ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچىنىڭ ياسىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلەمسىز؟ 16-فېۋرال، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرى غەربىي كوچىسىدىكى مەلۇم بىر خىزمەت ئىشخانىسىدا پىڭ شىزېڭ ئايرىم-ئايرىم قۇرامىغا يەتكەنلەر كىيىدىغان چوڭ خۇرۇم كەش بىلەن ئۆزى ياسىغان «مىكرو خۇرۇم كەش»نى سېلىشتۇرۇدى.

بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن پېڭ شىزېڭ ئىلگىرى جىنەن خۇرۇم ئاياغ زاۋۇتىنىڭ لاھىيەلىگۈچىسى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا خۇرۇم ئاياغ زاۋۇتى ۋەيران بولغاندىن كېيىن، ئىش ئورنىدىن قالدى. قولدا تىكىلگەن خۇرۇم ئاياغ ھۈنىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇ 10 كۋادرات مېتىرغىمۇ كەلمەيدىغان خىزمەت ئىشخانىسدا موزدۇزلۇق قىلغان. 

بۇ پېڭ شىزېڭ ياسىغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك خۇرۇم ئاياغ، ئارانلا 8 مىللىمېتىر كېلىدۇ.

ئۇ ھەر كۈنى نەچچە 10 كۋادرات مېترغىمۇ يەتمەيدىغان كىچىككىنە خىزمەت ئىشخانىسىدا قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك خۇرۇم ئاياغنى ياساپ چىقتى.

پېڭ شىزېڭ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك خۇرۇم ئايىغىنى نامايەن قىلدى.

مىكرو تىپتىكى ئاياغ قارىماققا ناھايىتى ئاساندەك بىلىنىدۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن مۇرەككەپ. ھەربىر تال مىكرو ئاياغنىڭ ھەممىسى 7:1 نىسبەت بويىچە ھەقىقىي خۇرۇم ئاياغ بويىچە تىكىلىدۇ. پېڭ شىزېڭنىڭ مىكرو خۇرۇم ئايىغى ياساش ئىلھامى كۆپىنچە رېئال تۇرمۇش ۋە ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتىدىن كەلگەن. 

مىكرو خۇرۇم ئاياغنى ئىجاد قىلىش جەريانىدا، پېڭ شىزېڭ يەنە 12 مۆچەل ئوبرازىنى ئىجاد قىلىپ، 12 تال «12 مۆچەل مىكرو خۇرۇم ئايىغى»نى ياساپ چىقتى. ئۇنىڭ خىزمەت ئىشخانىسىدا بىر يۈرۈش ئالاھىدە مىكرو ئاياغلار تىزىلغان. بۇلار مەخسۇس قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر غەلبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ياسالغان مىكرو تىپلىق چىغ ئاياغلار. 

كونا خۇرۇم زاۋۇتى خۇرۇم ئاياغ ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ بارا-بارا كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن پىڭ شىزېڭ ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندى.

ئۇ مىكرو تىپتىكى خۇرۇم ئاياغنى ياساش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۆزىنىڭ خۇرۇم ئاياغ تىكىش ھۈنىرىنى ئۆگىنىشىنى خالايدىغان ۋارس تېپىشنى ئۈمىد قىلدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号