باش بەت

جۇشقۇنجان

3179يوللانما
2مەستانە

ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ ئالاقە شىركىتى پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ كېتىشنى سىناۋاتىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-18 12:59 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

T-Mobile ۋە Sprint شىركەتلىرى بولسا ئامېرىكىدىكى ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركىتى بولۇپ رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە بۇ ئىككى شىركەتنىڭ يەنە بىر قېتىم بىرلىشىشنى سىناق قىلىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. نۆۋەتتە Sprint شىركىتى ياپونىيەنىڭ SoftBank گۇرۇھىغا قارايدۇ، T-Mobile شىركىتى بولسا گېرمانىيەنىڭ Deutsche Telekom گۇرۇھىغا قارايدۇ. بۇ ئىككى خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركىتى ھازىر بىرلىشىشنى سىناق قىلىۋېتىپتۇ. ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ياپونىيەنىڭ SoftBank گۇرۇھى Sprint شىركىتىنىڭ پاي كونترول قىلىش ھوقۇقىنى T-Mobile شىركىتىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما SoftBank گۇرۇھى بىلەن Deutsche Telekom گۇرۇھى ھازىر ھېچقانداق سۆھبەت ئېلىپ بارمىغان، چۈنكى قانۇنىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا سىمسىز رادىئو چاستوتىسىنى (FCC بىر قىسم چاستوتىنى قالدۇرۇپ قويغان بولۇپ، مەخسۇس كىچىك كۆلەمدىكى خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرىنى تەمىنلەيدۇ) رىقابەتلىشىپ سېتىۋېلىش جەريانىدا ئىككى تەرەپ ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشچە، ئەگەر رىقابەتلىشىپ سېتىۋېلىش سودىسى تۆتىنچى ئايدا تاماملانسا ئۇنداقتا بۇ ئىككى شىركەت سۆھبەت ئېلىپ بارسا بولىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركىتى T-Mobile ۋە Sprint شىركەتلىرىنىڭ ئابونتلىرى بىر قەدەر ئاز، T-Mobile شىركىتنىڭ 71 مىليون 500 مىڭ ئابونتى، Sprint شىركىتىنىڭ 60 مىليون ئابونتى بار. ئەمما Verizon شىركىتنىڭ 143 مىليون، AT&T شىركىتىنىڭ بولسا 135 مىليون ئابونتى بار. Verizon ۋە AT&Tدىن ئىبارەت بۇ ئىككى شىركەتنىڭ بازار ئۈلۈشى ئامېرىكا كۆچمە خەۋەرلىشىش بازىرىنىڭ %80نى ئىگىلەيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号