باش بەت

ئىدىقۇت887

6402يوللانما
8مەستانە

20 يىلدىن بېرى 102 تاشلىۋىتىلگەن بوۋاقنى بېقىۋالغان مېھرىبان ئايال

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-18 16:37 1 ئىنكاس چۈشتى


2017-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، خېبىي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى، خېبىي ئۆلكىسى ۋۇئەن شەھىرى شاڭچۇەن كەنتىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان تاشلاندۇق تۆمۈر رۇدىسى كان قۇدۇقىدا نەچچە ئېغىز پاكار سېلىنغان ئۆيلەر بار بولۇپ، بۇ ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىسمى لى لىجۈەن ئىدى، ئۇلارنىڭ قېلىن كەلگەن نوپۇس دەپتىرىدە يۈزگە يېقىن ئائىلە ئەزاسى بار بولۇپ، شۇ ئەتراپتىكى كەنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بۇ ھويلىنى «مېھىر-شەپقەت كەنتى» دەپ ئاتىشاتتى، لى لىجۈەن بولسا مۇشۇ چوڭ ئائىلىدىكىلەرنىڭ «ئاپىسى» ئىدى. ئۆزى شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن،ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 -يىللىرىدىلا «نەچچە مىليون يۈەن پۇلى بولغان مىليونېر» غا ئايلانغان لى لىجۈەن 20 يىلدىن بۇيان 102 نەپەر بېقىۋالغانىدى، ئۇ دەسلىپىدە ئۆزىنىڭ تىجارىتى ۋە بانكىدىكى يىغىپ قويغان پۇللىرىغا تايىنىپ بۇ ئۆيدىكىلەرنى باققان بولسا، 2011-يىلىغا كەلگەندە كىرىم چىقىمغا يېتىشمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولسا ئىككى مىليون يۈەنگە قەرز بولۇپ قالغانىدى. ھازىر لىمفا راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان لى لىجۈەن يەنىلا تىرىشىپ پۇل تېپىپ بۇ بالىلارنى بېقىپ كەلمەكتە ئىدى.



1996-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، لى لىجۈەن ۋۇئەن شەھىرىنىڭ غەربىدىكى تاغ جىلغىسىدا بەش ياشلىق بىر قىزنىڭ چاچلىرى پاخپايغان ھالدا تاش ئۈستىدە يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالغان، ئۇ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ قىزنىڭ يېتىم بالا ئىكەنلىكىنى ئۇققان ھەم بۇ قىزنى باغرىغا چىڭ باسقان ھالدا ھاياجانلىق ئىلكىدە:«بۇنىڭدىن كېيىن مەن سىزنىڭ ئۆز ئاپىڭىز» دېگەن. مانا بۇ بەش ياشلىق قىز لى لىجۈەننىڭ چوڭ قىزى لى يۇڭچاۋ بولۇپ، ھازىر ئاللىقاچان ياتلىق بولغان لى يۇڭچاۋ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە ئىدى. 2017-يىلى 1-ئايدا، بىرەيلەن يېڭى تۇغۇلغان قىز بوۋىقىنى لى لىجۈەننىڭ «مېھىر-شەپقەت كەنتى» دەرۋازىسى ئالدىغا تاشلاپ قويغان بولۇپ، بۇ بوۋاق لى لىجۈەن بېقىۋالغان 102-بالا بولۇپ قالغانىدى، پەقەت 2016-يىلىلا، جەمئىي 29 بالا لى لىجۈەننىڭ «مېھىر-شەپقەت كەنتى» ئەتراپىغا تاشلاپ قويۇلغان بولۇپ، لى لىجۈەن بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسىنى بېقىۋالغانىدى. لى لىجۈەن 20 نەچچە ياشقا كىرگەندە ئالدىنقى يولدىشى زەھەرلىك چېكىملىك چەككەنلىكتىن ئۇ يولدىشىدىن كېلىشىملىك ئاجرىشىپ كەتكەن، لى لىجۈەن ئەينى چاغدا يولدىشىدىن بىر پۇڭمۇ ھەق ئالماي ئاجرىشىپ ئۆيدىن يىڭنە چاغلىق نەرسە ئالماي چىقىپ كەتكەنىدى. لېكىن ئالدىنقى يولدىشىنىڭ ئۆزى بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن زەھەرلىك چېكىملىك سېتىۋالىدىغان پۇل جۇغلاش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئوغلىنى ئادەم بېدىكلىرىگە 7000 يۈەنگە سېتىۋىتىشى لى لىجۈەننىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىغانىدى. لى لىجۈەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەل ۋاقتىدا پويىز ئىستانسىسىغا ئۈلگۈرۈپ بېرىپ ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قولىدىن ئوغلىنى 8000 يۈەنگە «سېتىۋىلىپ» قايتۇرۇۋالغانىدى. لى لىجۈەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بۇ ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىش دەل ئۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا تاشلىۋىتىلگەن يېتىم بالىلارنى بېقىۋىلىشىغا سەۋەب بولغانىكەن.



«بۇ بالىلارنىڭ ئىچىدە باشقىلار تېپىۋىلىپ ئەكىلىپ بەرگەنلەرمۇ، يەنە باغرى تاش ئاتا-ئانىسى ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ تاشلاپ قويغانلىرىمۇ بار، بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تېنى تازا دېگەندەك ساغلام ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرىمۇ مېنىڭ قولۇمدا ئۆلۈپ كەتكىنى يوق» دېدى لى لىجۈەن مەمنۇن بولغان ھالدا، ئۇ بېقىۋالغان 102 بالىنىڭ ئىچىدە يەتتىسى ئاللىقاچان توي قىلىپ ئۆي-ئوچاقلىق بولغان، بەشى ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان  بولۇپ، يەنە بىرى مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ خەلق ساقچىسى بولۇپ قالغان، يەنە بىرى ھازىر قىسىمدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقانىدى. لى لىجۈەن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 5 تە ئورنىدىن تۇرۇپ بالىلارغا ناشتىلىق تەييارلاشقا باشلايتتى، ئۇ يالغۇز ئۇماچتىنلا ئىككى قازان ئېتەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئون نەچچە بالىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز مەكتەپلىرىگە ئاپىرىپ قوياتتى. ئاخشىمى يەنە بالىلارغا دەرس تەكرارلاپ، ئاغرىپ قالغان بالىلارغا دورا قاينىتىپ بەدىنىنى ئۇۋىلاپ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، ئۇنىڭدىن باشقا يېشى كىچىكلەرنى پەپىلەپ ئۇخلىتىپ قوياتتى... بۇ ئىشلارنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا، ھەر كۈنى كەچ سائەت 11 دىن ئاشقاندا ئاندىن ئارام ئالالايتتى.


 


لى لىجۈەن ئۇزۇندىن بۇيان زىيادە چارچاپ كەتكەچكە، سالامەتلىك ئەھۋالى تازا دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى. 2011-يىلى قىشتا، دوختۇرلار لى لىجۈەنگە دەسلەپكى مەزگىلدىكى لىمفا راكىغا گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگنوز قويغان. لى لىجۈەن مۇنداق دېدى:«مەن ئەينى چاغدا دوختۇرخانىدا يەتتە كۈن ياتقاندىن كېيىنلا ئۆيگە قېچىپ كېلىۋالدىم، كېسىلىمنى داۋالىتىمەن دەپ بۇنچە كۆپ پۇل  خەجلىگۈچە يەنىلا بالىلارغا ياخشىراق شارائىت ھازىرلاپ بەرسەم ياخشىراقمىكىن». لى لىجۈەن دوختۇرخانىدىن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن كۈنى كەچتە ئۆزى يالغۇز تاغ چوققىسىغا چىقىپ بىر كېچە يىغلاپ چىققانىدى، «ئەتىسى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرسام مەن يەنىلا بۇ بالىلارنىڭ ئاپىسى، مەن ئۆز زىممەمدىكى يۈكنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلىمەن، شۇڭلاشقا مەن چوقۇم جاننى تىكىپ دېگۈدەك تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تاپمىسام بولمايدۇ». ئۆزى ئاغرىپ قالغاندا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا كۆزى قىيمىغان لى لىجۈەن بالىلار ئاغرىپ قالسا ئەزەلدىن قاراپ تۇرمايدىغان بولۇپ،ئۇ پەقەت 2016-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا  بالىلارنى داۋالىتىش ئۈچۈن ۋۇئەن شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا بىر مىليون يۈەن پۇل خەجلەپ بولغانىدى. تۇرمۇشنى ناھايىتى تۈجۈپىلەپ ئۆتكۈزىدىغان لى لىجۈەن ئاياغ ساتىدىغان يايما ئاچقاندىن باشقا يەنە 20 نەچچە مو يەر تېرىپ، 120 نەچچە تۇياق قوي، چوشقا ۋە ئۆردەك بېقىۋاتقانىدى. «بىز ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن كېلىدىغانلىكى نەرسە بولسا ئۆزىمىز ياساپ سىرتتىن سېتىۋالماي كەلدۇق، ياخشى يېرى بالىلىرىم ناھايىتى ئىش ئۇقىدۇ، ئۇلار ماڭا ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرگەندىن باشقا يەنە ئىنى-سىڭىللىرىغا قاراپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ»، لى لىجۈەن ناھايىتى ئۈمىدۋار ئايال بولۇپ، ئۇ دائىم بالىلارغا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، مىننەتدار بولۇشنى بىلىش، قانۇن-نىزاملارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەربىيلىشىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ جەمئىيەتكە قەدەم قويغان بالىلارنىڭ ئىچىدە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ياكى ئۆز-ئۆزىنى نابۇت قىلىدىغان بالىلاردىن بىرسىمۇ چىقمىغانىدى...لى لىجۈەننىڭ تەربىيىسىدە، مېھىر-مۇھەببەت يەنە داۋام ئەتمەكتە ئىدى. لى لىجۈەننىڭ ئاللىقاچان ياتلىق بولغان لى يۇڭچاۋ ۋە لىدەن قاتارلىق تۆت قىزى دەبدەبىلىك ھالدا قەسەم بېرىپ مۇنداق دېدى:«ھازىر ئاپىمىز ياشىنىپ قالدى،بىز بۇ مېھىر-مۇھەببەتنى داۋام ئېتىمىز». لى لىجۈەننىڭ بالىلىرى ئەمەلىيەتتىمۇ مۇشۇنداق قىلغانىدى، ئۇلار باشقىلار بىلەن مۇھەببەتلەشكەندە، «مېھىر-شەپقەت كەنتى» دىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى قارشى تەرەپكە  مۇنداق تەلەپ قويغانىدى:«مەن سىزگە ياتلىق بولسام چوقۇم بىر سىڭلىم ياكى بىر ئىنىمنى بىللە ئېلىپ بارىمەن، بىز ئۇلارنى تاكى مەكتەپكە كىرگەنگە قەدەر بېقىپ ھالىدىن خەۋەر ئالىمىز، ئاندىن يەنىمۇ يېشى كىچىك  ئۇكا-سىڭلىمدىن بىرنى ئەكىلىپ يەنە داۋاملىق باقىمىز..».

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇنداق ئالى جاناپ پەزىلەتلىك ئانىنڭ
    ئالدىداباللىرىنى تاشللىۋەتكەن ئاتا ئانىلارنى نىمە دىگۇلۇك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号